ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

مەملىكىتىمىزدە بىرقىسىم دورلارنىڭ پايدىسى 2000%كە يەتتى

يوللانغان ۋاقتى: 03:19 15-11-2011 مەنبە: qq.com ئاپتورى: قىزىل ياپىرا كۆرۈلۈشى: قېتىم
مەركىزى تېلۋۇزرىيە ئىستانىسى يۇقىرى باھالىق دورىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىغا دېققىتىنى ئاغدۇردى. بىر قىسىم دورلارنىڭ پايدىسى 2000%كە يەتتى.

مەركىزى تېلۋۇزرىيە ئىستانىسى يۇقىرى باھالىق دورىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىغا دېققىتىنى ئاغدۇردى.
بىر قىسىم دورلارنىڭ پايدىسى 2000%كە يەتتى.


Www.SalamURUMQI.Com

ئادەتتكى ئىشلىتىدىغان دورلارنىڭ باھاسى زاۋۇتتىن چىققاندىن تارتىپ، دوختۇرخانىغىچە بولغان ئارلىقتىكى پايدىسى 2000%تىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنداق سان سىپىرلار كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردۇ. 
دۆلەتنىڭ دورلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلش ۋە خېرىدار چاقىرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشكى مەقسىتى دورا باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ، بىمارلارنىڭ يۈكىنى ھەققى تۈردە يىنىكلىتىش. بىراق، مەركىزى تېلۋوزۇرىيە ئىستانسى ‹‹ھەپتىلىك سۈپەت دوكىلاتى›› پىروگىرامىسىنىڭ مۇخبىرى بىر يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، 20نەچچە تۈرلۈك دورىنى تاللاپ تەكشۇرگەندىن كېيىن، بەزى جايلاردىكى دورلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋالغان، خېرىدارلىق باھاسىى ، زاۋۇتتىن چىققان باھاسىدىن بىر نەچچە ھەسسە، ھەتتا 10-20 نەچچە ھەسسىدىن يۇقىرى ئىكەنلىگىنى بايقىغان. دورلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش ۋە خېرىدار چاقىرىش تۈزۈمىنى بەزى جايلاردا ئىجىرا قىلىشتا، نىمە مەسىلە كېلىپ چىقتى؟ خېرىدارلىق باھاسى ۋە زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى ئارلىقىدىكى پايدا قانداق تەقسىملىنىدۇ؟ بۇ ئارلىقتا كىشلەر بىلمەيدىغان قانچىلىك يۇشۇرۇن پايديلار بار؟

 ئوخشاش خىلدىكى ھوكۇل سۇيۇقلىقىنىڭ باھا پەرقى بېجىڭ ۋە سەندۇڭدا 4ھەسسە پەرقىلىندىكەن

بېجىڭلىق جاڭ ئەپەندىمنىڭ ئاستا خاراكتىرلىك كانايچە ياللۇغى كېسىلى بار ئىدى. بۇ يىل 2-ئايدا، جاڭ ئەپەندىم سەندوڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھرىگە كاماندۇرۇپقا چىققاندا، ئاستا خاركتىرلىك كانايچە ياللۇغى كېسلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ كېتىپ، شۇ ئەتىراپتىكى بىر ئامبۇلاتۇرىيەگە كىرىپ داۋاالىغان ئىدى. دوختۇر جاڭ ئەپەندىمگە كېلىمسۇن فوسفات (克林霉素磷酸酯) دىگەن ھوكۇل سۇيۇقلۇقىنى كېسىپ بەرگەندە، جاڭ ئەپەندىم بۇ ھوكۇلنىڭ باھاسىنى كۆرۈپ تولىمۇ ھەيران قاپتۇ. 
جاڭ ئەپەندىمگە بىر قېتىملىق ھوكۇل ئۇرۇشىىدا 3تال ھوكۇل سۇيۇقلىقى ئىشلەتكەن ئىكەن. بۇ ھوكۇل سۇيۇقلىىنىڭ بىر تېلى بېجىڭ لوڭفۇ دوختۇرخانىسدا 12.65يۇەندىن ساتىدىكەن . يەنى بىر قېتىمىلق ئۇرۇشى 40يۇەنگىچە ئىكەن.
بىراق، سەندۇڭدىكى بۇ ئامبۇلاتۇرىيەدە، بۇ خىل ھوكۇل سۇيۇقلىقىنىڭ بىر قېتىمىلق ئۇرۇشى 10يۇەنگىمۇ بارمايدىكەن. چىقىمى بېجىڭ لوڭفۇ دوختۇرخانسىنىڭ 4\1قىسمى بىلەن باراۋەر ئىكەن. جاڭ ئەپەندىمنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە، بېجىڭدىكى دوختۇرخانا بىلەن سەندڭدىكى ئامبۇلاتۇريىنىڭ ئۇنىڭغا كېسىپ بەرگەن بۇ خىل ھوكۇل سۇيۇقلىقىنىڭ قېپى، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ئادرىسى، ھەتتا مەھسۇلات ئۆلچىمىمۇ ئوپمۇئوخشاشكەن دىگەن. 
بۇ خىل ھوكۇل سۇيۇقلىقىنىڭ باھا پەرقىنىڭ ئارقىسىدىكى مەخپىيەتلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، مۇخبىرمىز سەندۇڭغا بېرىپ تەكشۇرۇش ئېلىپ باردى. 
مۇخبىر ئالدى بىلەن جاڭ ئەپەندىمگە بۇ خىل ھوكۇل سۇيۇقلىقىنى كېسىپ بەرگەن ئامبۇلاتۇرىيگە باردى. دوختۇرنىڭ تۇنۇشتۇۇشىچە، بۇ خىل ھوكۇلنىڭ بىر قېپىدا 6تال ھوكۇل سۇيۇقلىقى بارلىقىنى، گەرچە ئۇرلانىڭ باھاسى يۇقىرى بولمىسىمۇ، لىكىن ساختا ئەمەسلىكىنى ئېنىق قىلىپ ئېيتقان ئىدى. 
ئۇ يەنە مۇخبىرغا، بۇ خىل ھوكۇل سۇيۇقلىقىنىڭ باھاسىنىڭ ئەرزان بۇلۇشى، ئۇلار دورنى توپ سېتىش شىركىتىدىن ئەكىرگەندىلا باھاسىنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. 
ئامبۇلاتۇرىيە خىزمەتچىسىنىڭ دىگەنلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئسپاتلاش ئۈچۈن، مۇخبىرمىز سەندۇڭدىكى بۇ خىل دورا سۇيۇقلىقىنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىغا بېرىپ تەكشۇرۇش ئېلىپ باردى.

زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى 6موچەنلىك ھوكۇل سۇيۇقلىقىنىڭ پارچە سېتىش باھاسى 12.65يۇەن ئىكەن.

مۇخبىر تەكشۇرۇش جەريانىدا، بىر قاپ ئىچىگە 6تال ھوكۇل ئورالغان بۇ خىل ھوكۇل سۇيۇلىقنىڭ، دورنى توپ سېتىش شىركەتلىرنىڭ سېتىش باھاسى 3.85يۇەن ئەتىراپىدا ئىكەنلىگىنى، شۇنداقلا ھەر بىر دانىسىنىڭ زاۋۇتتىن ئەكىرىش باھاسى ئارانلا 6موچەن ئىكەنلىگىنىى بايقدى. ناۋادا، جاڭ ئەپەندىم دىگەندەك، ئوخشاش بىر زاۋۇتتىن چىققان، ئوخشاش ئولچەمدىكى بۇ خىل (克林霉素磷酸酯) ھوكۇل سۇيۇلىقىنىڭ، بېجىڭدىكى لوڭفۇ دوختۇرخانىىسدا پارچە سېتىش باھاسى راستىلا 12.36يۇەن بولسا، ئۇنداقتا زاۋۇتتىن چىققاندىن تارتىپ لوڭفۇ دوختۇرخانىسىغان كىرگىچە بولغان ئارلىقتىكى پايدا 2000%تىن يۇقىرى بۇلۇپ كېتىدىكەن. تەپسىلاتىنى تۆەۋەندىكى فىلىمدىن كۆۋۋېلىڭ.

 


سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكتى قىزىل ياپىراق تەرجىمىسى

ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر