دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى يېقىندا «2011-يىلىدىكى جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك 10 چوڭ خەۋەر» نى ئېلان قىلدى. بۇ خەۋەرلەر تۆۋەندىكىچە: 1.«6-قېتىملىق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش» نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 10 يىلدا %6.92 ئاشقان. 2. يۈننەن ئېلىمىزنى غەربىي جەنۇبقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم ئىستىھكامغا ئايلاندى. 3. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكىرى ئېلان قىلىندى. 4. «2011-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان چېگرانى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى پىلانى» ۋە «2011-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش پىلانى» ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلدى. 5. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكىرنى ئېلان قىلدى. 6. شىزاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى كۈتۈۋېلىندى، شى جىنپىڭ تەبرىكلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى. 7. 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋىي تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. 8. «تۇنجى نۆۋەت پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇشتۇرۇلىدىغان مىللىي يېزىقتىكى 100 نادىر كىتاب» ئېلان قىلىندى. 9. مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى گۇاڭشىدا ئېچىلدى. 10. مەركەز تۇتاش كەتكەن پەۋقۇلئاددە نامرات مىللىي رايونلارنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانى قىلىش، ۋۇلىڭشەن تاغلىق رايونىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سىنىقىنى ئالدى بىلەن يولغا قويۇشنى بېكىتتى. |