جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:
جۇڭگو مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى 8-نۆۋەتلىك 4-ئومۇمىي يىغىنى 5-يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جاۋگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ھەم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىگە بولغان رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ ئۆز خاراكتېرى ۋە ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىشىنى قوللاپ، خىزمەتلەرنى ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.