ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

كېلەر يىلى تىلىۋىزىيە فىلىم ئوتتۇرىسىغا ئېلان قويۇلمايدۇ.

يوللانغان ۋاقتى: 13:08 30-11-2011 مەنبە: شىنخۇاتورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
كېلەر يىلىدىن باشلاپ تىلىۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلان قىستۇرۇش چەكلىنىدۇ.

شىنخۇا تورى 28-چىسلادىكى خەۋىرى:ئىگەللىنىشىچە،مەزكۇر تولۇقلىما بەلگىلىمىدە، رادىئو تىلىۋىزىيە باش ئىدارىسى2010-يىلى ئېلان قىلىنغان رادىئو تىلىۋىزورلاردىكى ئېلان قويۇشنى باشقۇرۇش چارىسى نىڭ 17-ماددىسىنى تىلىۋىزىيە فىلىمى قويۇلغاندا،ھەر بىر قىسىم فىلىمنىڭ ئوتتۇرىسىغا ھەرقانداق شەكىلدىكى ئېلانلارنى قېستۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ دەپ ئۆزگەرتتى،ھەمدە ئېنىق قىلىپ، بۇ بەلگىلىمە 2012-يىلى1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ دىيىلدى.

كىنو تىلىۋىزىيە باش ئىدارىسنىڭ ئاخپارات ئېلان قىلغۇچىسى مۇنداق دىدى:

پارتىيە17-قۇرۇلتىيىدا ئاممىۋى مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش،ھەمدە شەھەر-يىزىلارنى تولۇق قاپلىغان،قۇرۇلمىسى ئەقىلگە مۇۋاپىق،فۇنكىسىيەسى ساغلام ۋە ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سېستىمىسى بەرپا قىلىش كىرەكلىكى تەكىتلەنگەن.تىلىۋىزور نۆۋەتتىكى مۇھىم بىر ئىدىيە-سىياسى مەدەنىيەتنىڭ تەشۋىق قۇرالى بولۇش سۈپىتى بىلەن،دۆلىتىمىزنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سېستىمىسىدا ئىنتايىن چوڭ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.شۇنداق بولغانىكەن،ئۇ ئۆزىنىڭ رەڭدار ۋە سەرخىل بولغان مەدەنىيەت سەنئەت شەكلى ئارقىلىق،باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى،خەلىق ئاممىسىنى تەربىيلىشى،جەمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشى ھەمدە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىشى لازىم.

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى دىدى:

تىلىۋىزور بولسا نەچچە يۈزمىڭ خەلىقنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ،كىشىلەرنىڭ ئارام ئىلىش ،خەۋەرگە ئىرىشىش ۋە كۆڭۈل ئىچىشتىكى مۇھىم قۇرال،شۇنداقلا مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ مەھسۇلى،تىلىۋىزوردا قويۇلىدىغان تىلىۋىزىيە فىلىمىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قستۇرۇلىدىغان ئېلانلارنى يوقاتقاندا،تىلىۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ مۇكەممەللىكىگە ۋە كۆرۈلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ،ئەڭ مۇھىمى،خەلىق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كىلىدۇ،رادىئو-تىلىۋىزىيە ئىشلىرىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتەك ماھىيەتلىك فۇنكىسىيەسىنى گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ.يىراقنى ئويلىغاندا،بۇنداق قىلىش تىلىۋىزىيە ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا پايدىلىق،شۇنىڭ ئۈچۈن،رادىئو تىلىۋىزىيە باش ئىدارىسى ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي تارماقلار ۋە ھەر دەرىجلىك تىلۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىنىڭ بۇ بەلگىلىمىنى قەتئى ئىجرا قىلىپ،خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ،ھەمدە كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئىجرا بولىشىغا نازارەتچىلىك قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.

مۇخپىرنىڭ ئىگەللىشىچە،بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئەمەلىي ئىجرا بولىشى ئۈچۈن،28-چىسلا رادىئو تىلىۋىزىيە باش ئىدارىسى يەنە مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ،ھەر دەرىجىلىك تىلىۋىزىيە ئىستانسىسلىرىنىڭ 2012-يىلىدىكى بارلىق تىلىۋىزىيە فىلىملىردىكى ئېلانلارنى بىكار قىلىشنى،پىروگرامما ۋە ئېلانلارنى قايتىدىن رەتلەشنى تەلەپ قىلدى.ئەگەر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە،قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.


 

ياخشىكەن
(4)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر