جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:
مەملىكەتلىك تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى 5-يانۋار بېيجىڭدا يېپىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈنشەن خۇلاسە سۆزى قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل-پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل شۇنداقلا تەشۋىقات، مەدەنىيەت ئىشلىرى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تېخىمۇ يۇقىرى نىشانغا قاراپ يۈرۈش قىلىدىغان مۇھىم بىر يىل بولىدۇ. ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا تېرىشىپ يېڭى تۆھپىلەرنى يارىتىپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشتا يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.
ليۇ يۈنشەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ئىستىلدا بۇرۇلۇش ياساش، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ياخشىلاش پائالىيىتى-پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم تەدبىرى، ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ئىستىلدا بۇرۇلۇش ياساش، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ياخشىلاش روھىنى كۈچلۈك نۇرلاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ئىستىلدا بۇرۇلۇش ياساش، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ياخشىلاش پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش؛ ئاممىغا بولغان ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيە، ئاخبارات، ئەدەبىيات-سەنئەت، نەشرىيات خىزمەتچىلىرىنىڭ 1-سەپكە، ئاساسىي قاتلامغا بېرىشىنى تەشەببۇس قىلىش؛ تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت بايلىقى بىلەن ئاساسىي قاتلامغا ئېتىبار بېرىشكە تۈرتكە بولۇپ، كونا، مىللىي، چېگرا، نامرات رايونلارغا ئېتىبار بېرىش كېرەك.