جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى تۈنۈگۈن سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھرىدە جەمئىيەتتىكى ئامما ۋە ئىئانە قىلغۇچىلارغا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى سىستېمىسىنىڭ ئىئانىدىن قىلىنغان مالىيە كىرىم چىقىمى ۋە باشقۇرۇش ئىشلىتىش ئەھۋالى ھەمدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ۋېنچۈەندە قاتتىق يەر تەۋرىگەندىن كىيىن،جۇڭگو قىزىل كىرېست باش جەمئىيىتى ئىلگىرى كىيىن بولۇپ 130 مىڭدىن ئارتۇق چېدىر، 690مىڭ قۇردىن ئارتۇق كىيىم-كېچەك، 790مىڭدىن ئارتۇق كارىۋات، مىليون 700مىڭدىن ئارتۇق پاشىلىق ۋە 6مىڭ 400توننا ئاشلىق يۆتكىدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى قىزىل كىرېست جەمئىيەتلىرىمۇ زور تۈركۈمدىكى ماددىي ئەشيالارنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا توشىدى. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى قىزىل كىرېست جەمئىيەتلىرى قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ۋاقتىدا تارقاتتى. ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ياردەملەشتى. دۆلەتنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا قۇرغان بىر مىليون يۈرۈش ئۆتكۈنچى مەكتەپ ئۆيى، شىپاخانا قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى. سىچۈەندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا كەلگەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قىزىل كىرېست جەمئىيەتلىرىنىڭ 180مىڭ پىدائىيسى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشتى. ھازىر، قىزىل كىرېست جەمئىيەتلىرى قاتناشقان ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ قاتتىق دېتال قايتا قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئاياغلاشتى. مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |