نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

كادىرلارنى ئۆستۈرۈشتە «پاكلىقىنى تەكشۈرۈش» كېرەك

يوللانغان ۋاقتى: 01:54 08-09-2011 مەنبە: خەلق تورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
«پاكلىق تەكشۈرتۈشى» كادىرنىڭ پەزىلەت ۋە ئىقتىدار جەھەتتىكى ئىپادىسىنى ئۆلچەيدىغان «تەكشۈرگۈچ»تۇر.

كادىرلارنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىقتىدارىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ توغرا باھالاش ‐‐ «ھەم پەزىلەتلىك ھەم ئىقتىدارلىق بولۇش، پەزىلەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» مىزانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. كادىرلارنى ئۆستۈرۈشتىن بۇرۇن، كۆپ تەرەپتىن چۈشىنىش، كۆپ يوللار ئارقىلىق تەكشۈرۈش، كۆپ تەرەپتىن كۆزىتىش ئارقىلىق، شۇ كادىرنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ۋە توغرا ئىگىلەش كېرەك. فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ «پاكلىق تەكشۈرۈشى» ئېلىپ بېرىشى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تەرەپ ھېسابلىنىدۇ.

  «پاكلىق تەكشۈرتۈشى» كادىرنىڭ پەزىلەت ۋە ئىقتىدار جەھەتتىكى ئىپادىسىنى ئۆلچەيدىغان «تەكشۈرگۈچ»تۇر. ئۇ كادىرنىڭ پەزىلەت، ئىقتىدار، خىزمەت، نەتىجە، پاكلىق جەھەتتىكى ئەھۋالىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تەكشۈرۈپ، پارتىيەنىڭ كادىرلار لۇشيەنى ۋە ئادەم تاللاش-ئادەم ئىشلىتىش ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

  «پاكلىق تەكشۈرتۈشى» كادىرلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «قوغدىغۇچ»تۇر. كونىلاردا كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا دېگەن ماقال بار. كادىرلارنىڭ پاك، ئىنتىزامچان بولۇش جەھەتتىكى مەسىلىسى بالدۇر ۋە كىچىك چېغىدا بايقالسا، كادىرنىڭ خاتا يولدا كېتىۋېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  «پاكلىق تەكشۈرتۈشى» ئادەم تاللاش-ئادەم ئىشلىتىشنىڭ رازىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىغان «ياردەمچى موتور»دۇر. ئادەم تاللاش ۋە ئادەم ئىشلىتىش بۇرۇندىن تارتىپ جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلدى. كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ دېموكراتىك ئېڭى ۋە دېموكراتىيە تەلىپىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئادەم تاللاش ۋە ئادەم ئىشلىتىش خىزمىتىگە دېموكراتىك ۋە ئاشكارا بولۇش، تەرتىپ ئادىل بولۇش، ھالقىلىرى مۇكەممەل بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەر قويۇلماقتا.

  كادىرلارغا قارىتا «پاكلىق تەكشۈرتۈشى» ئېلىپ بېرىشتا، تەشكىللىگۈچى ئورۇن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىشلىك تارماقلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، كادىرلار خىزمىتىنى ئاممىۋى ئىشەنچ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئۇيۇشقاقلىققا ئىگە قىلىشى كېرەك. (جۇڭ زۇ خەۋىرى؛جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)


مەنبە: خەلق تورى

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>