يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، بېيجىڭ شەھرىدە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك دېلۇلار ئىچىدە، ياش ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوقتەك قىززىپ توي قىلىپ، پوقتەك سۇۋۇپ ئاجرىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ماجرالارنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى كۆپ بولۇپ، 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئاتا-ئانىلار بۇنداق دېلۇلاردىكى باش رولنى ئوينايدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلۇلىرىدا، بالا بېقىش راسخوتى دېلۇلىرىنىڭ سانى، CPI (ئىستىمال باھا كۆرسەتكۈچى )نىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئېشىپ بارغان. مانا بۇ مۇخبىرنىڭ بۈگۈن بېيجىڭ شەھەرلىك ئىككىنچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆسمۈرلەر كوللۇگىيەسىنىڭ 5يىللىق خىزمەت نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدىن ئىگەللىگەن خەۋىرى .
80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئاتا-ئانىلار ئاجراشسا، پەرزەنتىنى ئويلاشمايدىكەن
شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 17ئوتتۇرا سوت مەھكىمىلىرى ئىچىدە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ دېلۇلىرىنى سوت قىلىشتىكى ئۈلگىلىك مەھكىمىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، پايتەختتە تۇنجى قۇرۇلغان كوللۇگىيە ئىكەن.
5يىل ئىچىدە بۇ كوللۇگىيە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ دېلۇسىدىن 2100پارچىنى ئىشلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەق –تەلەپ دېلۇسى 1700پارچە، جىنايى ئىشلار دېلۇسى 400پارچە ئىكەن.
ئىككىنچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ،قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ دېلۇسىغا مەسئۇل كوللۇگىيەسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شىياۋسوڭنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، توردا مۇھەببەتلىشىشنىڭ ئومۇملىشىشىغا ۋە كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنىڭ تېخىمۇ ئازات بولۇشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر تۇنۇشۇپلا ، ئۇزاق ئۆتمەي تۇرمۇش قۇرىدىغان، ياكى بالىلىق بولغاندىن كېيىن تۇرمۇش قۇرىدىغان بولۇپ كەتكەن. بۇ كوللۇگىيە ھازىرغىچىلىك قوبۇل قىلىپ ئىشلىگەن ھەق –تەلەپ دېلۇلىرى ئىچىدە، پەرزەنتلەرگە ۋەسىلىك قىلىش، كۆرۈش ھوقۇقى، بېقىش ھوقۇقى قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ماجرالار %30نى ئىگەللىگەن بولۇپ، ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ قالغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئۆتكۈزگەن جىنايەتلەر %70گە يېتىدىكەن.
بۇ يىل 9-ئايغىچە، بۇ كوللۇگىيە ئاسانلا تۇنۇشۇپ، ئالدىراپ توي قىلغانلارنىڭ ئاجرىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان پەرزەنتلەرنى بېقىش ماجرا دېلۇسىدىن 82پارچىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، 95نەپەر قۇرامىغا يەتمىگەن بالىنىڭ مەنپەتىگە چېتىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆي تۇتقان ۋاقتى ئەڭ ئاز بولغانلىرى 7ئاي ئىكەن.
مۇشۇنداق زور سالماقنى ئىگەللەيدىغان دېلۇلار ئىچىدە 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئاتا-ئانىلار ئاساسلىق توپنى شەكىللەندۈرگەن.
كوللۇگىيە باشلىقى «بۇنداق ئائىلىلەرنىڭ تولىسى ئاجرىشىشىقا يۈزلىنىپ ئاسانلا ھالاك بولىدۇ. بۇنداق ئاتا- ئانىلار ئاجراشقاندا، بالىلىرىنى ئالدىنقى قاتارغا قويمايدۇ. ھەتتا بالىنى دەستەك قىلىپ مەلۇم نەرسىلەرنى ئۈندۈرۋالماقچى بولىدۇ »دىگەن.
بالا بېقىش راسخوتى ئىستىمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرغان
بۇ كوللۇگىيەدىكى سودىيەنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە، يېقىندىن بۇيان مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئۆز ۋاقتىدا نىكاھتىن ئاجراشقاندا كېلىشكەن بالا بېقىش راسخوتى، بالىنىڭ ئەمىلى تۇرمۇش خىراجىتى ، تەربىيەلىنىش ئىھتىياجىنى قاندۇرالمىغان. ئاجراشقاندا بالا بېقىشنى ئۈستىگە ئالغان كۆپ ساندىكى ئاتا- ئانىلار ئامالسىزلىقتىن، سوتقا ئەرز قىلىش يولىنى تاللاپ، CPI نىڭ ئېشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئارتۇق بالا راسخوتىنى ئالماقچى بولغان.
تۇنۇشتۇرلىشچە، ئۆسمۈرلەر سوت كوللۇگىيەسى ئىشلىگەن 300پارچە بالا بېقىش راسخوتى دېلۇلىرىدا، پەرزەنتلەرنىڭ يەسلىگە كېرىش، مەكتەپتە ئوقۇش،كېسەل كۆرسىتىش قاتارلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆپ سوممىلىق بالا بېقىش راسخوتى دېلۇلىرى%70نى ئىگەللىگەن.
ۋاڭ شىياۋسوڭنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، ھازىرغىچىلىك ئۆسمۈرلەر سوتى قۇبۇل قىلىپ ئىشلىگەن جىنايى ئىشلار دېلۇلىرى ئىچىدە، مال –مۈلۈككە، ھەم جىسمانىيەتكە دەخلى تەرۇز قىلىش ، جەمىئەت باشقۇرۇش تەرتىۋىگە دەخلى قىلىش جىنايەتلىرى دائىم كۆرىلىدىغان جىنايەت بولۇپ ھىساپلانغان. تورغا مەستانە بولۇپ قېلىپ ئۆتكۈزگەن جىنايەتلەردىن باشقا يەنە ، يېڭى تىپتىكى جىنايەت ئۇسۇللىرى كۆرىلىشكە باشلىغان. ھەتتا زوراۋان كۈچلەرنى دوراش ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن جىنايەتلەرمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىغان.
بۇ كوللۇگىيە ئىلگىرى بىجىرگەن بىر دېلۇدا، قۇرامىغا يەتمىگەن بىر بالا توردا ئوينىغان بىر ئويۇندىكى «ئوتتا كۆيدۈرۈش تېخنىكىسى»نى دوراپ، بېنزىنغا ئوت قويغاندىن كېيىن، ئۇرۇشۇپ قالغان دوستىنىڭ يۈزىگە چېچىۋەتكەن. جاۋاپكار تۇتۇلۇپ سوت قىلىنغان چاغدا، بۇ بۇ ئىشنى توردىن ئۈگەنگەنلىگىنى ، توردىكى ئويۇندا ئادەمنىڭ كۆيمەيغانلىقىنى، شۇڭا رىئاللىقتىمۇ ئادەم كۆيمەيدۇ ، دەپ شۇنداق قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.
مەنبە: جوڭگۇ خەۋەرلىرى تورى