تاللابازىرىدا تاۋار يۈزىگە باھا كۆرسەتكۈچى چاپلاش لازى
يوللانغان ۋاقتى: 14:00 30-04-2011 مەنبە: شىنخۇاتورى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
دۆلەت تەرەققىيات پىلان كومتىتى تاللا بازارلىرىدا ھەربىر تاۋارنىڭ ئۈستىگە باھا كۆرسەتكۈچى چاپلاش تەلەپ قىلىنمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇر
دۆلەت تەرەققىيات پىلان كومتىتى تاللا بازارلىرىدا ھەربىر تاۋارنىڭ ئۈستىگە باھا كۆرسەتكۈچى چاپلاش تەلەپ قىلىنمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى
تۈنۈگۈن دۆلەت تەرەققىيات پىلان كومتىتى «تاۋارلار ۋە مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ باھا كۆرسەتكۈچىنى ئېنىق كۆرسىتىشكە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە» نىڭ 14-ماددىسىغا چۈشەندۈرۈش بېرىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« ئەركىن تاللاپ سېتىۋېلىش خارەكتېرىدىكى تاۋارلارنى ساتىدىغان تىجارەت قىلغۇچىلار ھەربىر تاۋارنىڭ ئۈستىگە باھاسىنى چاپلىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئەمما تۈرلىرىنى ئېنىق ئايرىپ شۇ تۈرلەرنىڭ باھاسىنى ئېنىق كۆرسىتىش كېرەك».
بۇندىن ئىلگىرى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېنجۇ شەھىرىدىكى بىرقانچە چوڭ تىپتىكى تاللا بازارلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا، تاۋارلارنىڭ ئۈستىگە باھا كۆرسەتكۈچ چاپلاپ، خېنەن ئۆلكىلىك مال باھا تارماقلىرىنىڭ جازاسىغا ئۇچىرىغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن خېنەن ئۆلكىسىدىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ تىپتىكى تاللا بازارلىرى دۆلەت تەرەققىيات پىلان كومتتىتىغا تەكلىپ-پىكىر سۇنغان ئىدى. تۈنۈگۈن دۆلەت تەرەققىيات پىلان كومتىتى بۇ تەكلىپ-پىكىرلەرگە جاۋاپ قايتۇرۇپ، تاللا بازارلىرىدىكى تاۋارلارنىڭ ئۈستىگە باھا كۆرسەتكۈچى چاپلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
دۆلەت تەرەققىيات پىلان كومتىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« ئىقتىساتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۇچۇرلىشىش دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تاللا بازارلىرى قاتارلىق پارچە سېتىش سودىسىدا، ئىلگىرىكى قول بىلەن پۇل يىغىشنىڭ ئورنىنى كومپىيوتېر ئارقىلىق تاۋارنى ئۇچۇر سىزىقلىق كودى ئارقىلىق پۇل ھېساپلاش ئالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسلىدىكى بەلگىلىمە ھازىرقى ئەھۋالغا ماس كەلمەيدۇ. ئەمدى تاللا بازارلىرى ۋە ئەركىن بازارلاردا ھەربىر تاۋارنىڭ ئۈستىگە باھا كۆرسەتكۈچىنى چاپلاشنىڭ ھاجىتى قالمىدى».
بىراق تىجارەتچىلەر تاۋارلارنىڭ تۈرلىرىنى ئايرىپ، ئۇلارنىڭ ئايرىم مال جازىلىرىغا تىشىپ، تۈرلەر بويىچە باھاسىنى ئېنىق كۆرسىتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىزىقلىق كود، كومپىيوتېر ئارقىلىق تەكشۈرۈش، ئېلىكتىرونلۇق كۆرسىتىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، باھانى ئېنىق كۆرسىتىپ، ئىستىمالچىلارنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقوقى، تاللاش ھوقوقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقوقىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
تىجارەتچىلەر بەلگىلىمە بويىچە باھانى ئېنىق كۆرسەتمىسە «باھاغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى مەمۇرىي جازا بەلگىلىمىسى» گە ئاساسەن جازاغا ئۇچىرايدۇ.
|
------分隔线----------------------------