5-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭدا نامرات مېيىپ بالىلارنى قۇتقۇزۇپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرى رەسمىي يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز 2 مىليۇن 610 يۈەن مەبلەغ بىلەن 30 نەپەر گاس بالىنى ھەقسىز «سۈنئىي قۇلاق سۇپىرىسى» ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان.
مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مېيىپلار بىرلەشمىسىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە، يولغا قويۇلغان بۇ تۈردە مەركەز مالىيەسى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەر بىر گاس بالىنى 100 مىڭ يۈەنلىك سۈنئىي قۇلاق سۇپىرىسى مەھسۇلاتى، 12 مىڭ يۈەنلىك ئوپراتسىيە قۇشۇمچە ياردەم پۇلى ۋە 14 مىڭ يۈەنلىك سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىق ھەققى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىگەن. ئاپتونوم رايونلۇق گاس بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامرات گاس بالىلارنى تېزدىن سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىگە تىزىملىتىشىنى ئەسكەرتتى. ئىگىلىنىشىچە، 5-ئاينىڭ 15-كۈنى 21-قېتىملىق «مەملىكەت بويىچە مېيىپلارغا ياردەم بېرىش» كۈنى بولۇپ، بۇ قېتىمقى مېيىپلارغا ياردەم بېرىش كۈندە «مېيىپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، مېيىپلارنىڭ ھوقوق-مەنپەئىتىنى قوغداش» ئاساسىي تېما قىلىنىدىكەن. ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مېيىپ ئىشچىلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاپپار.ھەبىبۇللا بۇ تۈرنى يولغا قويۇش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: «رايونىمىزدا ئاڭلاش ئىقتىدارى مېيىپ كىشىلەرنىڭ سانى 220 مىڭغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىلىغا 900 نەپەر ئاڭلاش ئىقتىدارى مېيىپ بالا كۆپىيىۋاتىدۇ، 2009-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى (نامرات گاس بالىلارنى ‹سۈنئىي قۇلاق سۇپىرىسى بىلەن› قۇتقۇزۇپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش) تۈرىنى يولغا قويدى.»
|