نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >

تەيۋەن تەھلىلچىلىرى بىن لادېننى «ئاقلىدى»

يوللانغان ۋاقتى: 09:42 14-05-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
بىن لادېن بىر ئۆمۈر ئېتىقادىدا چىڭ تۇرغان، ھەر قانداق ئادەمنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ماكانىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگۈزمىدى

 

بىن لادېن جەمئىي بەش خوتۇن ئالغان، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى خوتۇنلىرىنى چوڭ خوتۇنى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ تاللاپ بەرگەن، ئۇ بەشىنچى خوتۇنىنى ئالىدىغان ۋاقتىدا، ئۇ يەنىلا چوڭ خوتۇنىنىڭ پىكىرىنى ئالغان، ئەگەر ئۇ قوشۇلمىغان بولسا، ئۇ خوتۇننى ئالمايدىكەن.
 

تەيۋەن «بۈگۈنكى ئاخبارات تورى» خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادېن ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆزىدە، كەچۈرگۈسىز گۇناھ ئۆتكۈزگەن ئەبلەخ، چۈنكى ئۇ ئامېرىكدىكى نۇرغۇن ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. بىراق تەيۋەن TVBS تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى كۆپلىگەن شەخسلەر سۆز قىلىپ بېن لادېننى «ئاقلاپ»، ئۇنى «كۆڭلىدە مۇلايىم بىر تەرىپى بار»، «خوتۇنىنى ھۆرمەت قىلىدۇ»، « ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولالمايدۇ»، دىگەن.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈنكى پىروگراممىدا، تەھلىلچىلەر، بىن لادېن ئائىلىنى ئىنتايىن مۇھىم بىلىدۇ. بىن لادېن جەمئىي بەش خوتۇن ئالغان، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى خوتۇنلىرىنى چوڭ خوتۇنى ئۇنىڭغا تاللاپ بەرگەن، بەشىنچى خوتۇنىنى ئالىدىغان چاغدىمۇ ئۇ يەنىلا خوتۇننىڭ پىكىرىنى ئالغان، بەشىنچى خوتۇنىنى ئېلىش ئالماسلىقنى ئۇنىڭ چوڭ خوتۇنى بەلگىلىگەن.  بىن لادېننىڭ بىرىنچى خوتۇنىنىڭ ئەسلەپ ئۆتۈشىچە، ھەر قانداق بىر ئايال باشقا ئاياللار بىلەن بىرلىكتە ئېرى بىلەن ئۆتۈشنى خالىمايدۇ، بىراق ئېرىنىڭ غايىسى ئۈچۈن، ئۇ يەنىلا قوشۇلغان، 43 ياشقا كىرگەن بىن لادېن 18 ياشلىق بەشىنچى خوتۇنىنى ئالغان.
تەھلىلچىلەرنىڭ قىياس قىلىشىچە، بىن لادېننىڭ كۆپ خوتۇن ئېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، «كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنىڭ شادلىقى» دىن ھوزۇرلۇنۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ غايىسى ئۈچۈن، ئۇ ئەرەب دۇنياسىدا نۇرغۇن جەڭچىلەرنى تەۋەللۇت قىلىپ، ئېتىقاد تارقىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ خوتۇنلىرىنىڭ ھەر بىرىنىڭ خىزمىتى بار، ھەر بىرىنىڭ رولى بار، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى خوتۇنلىرى ئوقۇتقۇچى، ئىككىنچى خوتۇنى يەنە مۇھەممەد قوۋمىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى، شۇڭا بىن لادېن ئۇنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىنىڭ رولىنى ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئۈسىتگە ئېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان، ھەمدە بالىلىرىغا قۇرئاندىن دەرس بەرگەن؛ ئۈچىنچى ئايالىنىڭ تىل ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، بىن لادېن ئۇنى بالىلىرىنى ئەرەب ئەدەبىياتى ۋە ئىنگىلىز ئەدەبىياتىدىن دەرس بېرىشكە تەكلىپ قىلغان.
تەھلىلچى ما شىپىڭنىڭ قارىشىچە، بىن لادېننىڭ «قەلبىدە مۇلايىم بىر تەرەپ بار» ئىكەن؛ جاڭ يوۋخۇامۇ بىن لادېننى «ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولالمايدۇ» دېدى، ئۇ يەنە، بىن لادېن بىر ئۆمۈر ئېتىقادىدا چىڭ تۇرغان، ھەر قانداق ئادەمنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ماكانىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگۈزمىدى، شۇنداقلا 300 مىليون قىممىتىىدىكى بارلىق مال-مۈلىكىنى ئىئانە قىلىپ، ئۇنىڭ «غازاد» ئۇرۇشىغا مەبلەغ سالدى.


 

ياخشىكەن
(4)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر