50 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ ئىگىلىك تىكلەڭ
يوللانغان ۋاقتى: 15:00 14-11-2011 مەنبە: ئىگىلىك مۇنبىرى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
شېرىك تىجارەت قىلسا، ئەڭ كۆپ بولغاندا 1 مىليون يۈەن قەرز ئالغىلى بولىدۇ، قەرز پۇل سۈرۈكى ئىككى يىل بولىدۇ.
شېرىك تىجارەت قىلسا، ئەڭ كۆپ بولغاندا 1 مىليون يۈەن قەرز ئالغىلى بولىدۇ، قەرز پۇل سۈرۈكى ئىككى يىل بولىدۇ.
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون يېقىندا ‹‹ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز بېرىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش›› تارقاتقان بولۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرمۇ بۇ دائىرىگە كىرىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى سودا قەرز پۇلىدىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشسىزلار، شەھەر – بازارلاردىكى ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشقانلارنىڭ ئۆزى خىزمەت تېپىشى ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام، مەدەت بېرىش، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كىچىك كارخانىلاردىكى ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشسىزلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش ئۈچۈن بېرىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇل بېرىش خىزمىتى 2003 – يىلى باشلانغان، ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلىنى دەسلەپكى چاغدا ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشسىزلارلا ئىلتىماس قىلالايدىغان بولۇپ، قەرز پۇل سوممىسى ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 مىڭ يۈەن بولغان؛ 2006 – يىلىدىن باشلاپ شەخسلەرگە بېرىلىدىغان قەرز پۇل سوممىسى ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن؛ 2007 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى ئالغانلار تۇنجى قېتىم 10 مىڭدىن ئاشقان؛ 2008 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا يەنە يېڭىدىن 234 مىليون 170 مىڭ يۈەن ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى تارقىتىلغان، يېڭىدىن 12 مىڭ 367 كىشى قەرز پۇلىغا ئېرىشكەن.
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يەنە 15 مىڭ كىشىگە يېڭىدىن ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى تارقىتىشنى پىلانلىدى. بۇ يىلنىڭ 1 – پەسلىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 688 مىليون يۈەن ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى تارقىتىلدى، 40 مىڭ 199 كىشى بۇ ئېتىباردىن بەھرلەندى، 120 مىڭ كىشى ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلىدىن پايدىلىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى ياكى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتى.
ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 مىڭ يۈەن قەرز پۇل ئالالايدۇ.
‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەر، شەھەر – بازارلاردىكى ئىشسىزلار، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان دېھقان ئىشلەمچىلەر، مېيىپلەر، يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار ۋە ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرغانلار، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلار بۇنىڭدىن كېيىن ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولسا، ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئۇلار ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 مىڭ يۈەن ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ؛ شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلىدىغانلار، تەشكىللىك ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلارغا ئومۇمىي سوممىسىنى 1 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك ئۆلچىمى بويىچە كىشى بېشىغا 50 مىڭ يۈەندىن ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى بېرىلىدۇ، قەرز پۇل سۈرۈكى ئىككى يىل بولىدۇ.
قەرز ئېلىش ئۈچۈن رەنىگە قويۇلىدىغان بۇيۇملارنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلدى.
ئاپتونوم رايونىمىز ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، قەرز ئېلىش ئۈچۈن رەنىگە قويۇلىدىغان بۇيۇم ۋە قارشى كېپىللىك دائىرىسىنى كېڭەيتتى.
‹‹ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا پىكىر››دە مۇنداق بەلگىلەندى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلغاندا، ئۆزى ياكى ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىنىڭ ئۆيى (ئۆي – مۈلۈك گۇۋاھنامىسى)، ئامانەت پۇلى، ئاپتوموبىلى، ماشىنا – ئۈسكۈنىسى (سېتىۋېلىش تالونى بولۇشى كېرەك)، چوڭ، چىداملىق ئىستېمال بۇيۇمى ياكى باھالىق ئاكسىيىسىنى بەلگىلىمە بويىچە باھالاش ئاپپاراتلىرىغا باھالىتىپ ئىسپاتلىغاندىن كېيىن، ئۇنى رەنىگە قويۇلىدىغان بۇيۇم قىلسا بولىدۇ. يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان دېھقان ئىشلەمچىلەرمۇ يەر ياكى تاغ ئورمانلىقىنى ھۆددىگە ئېلىش ھوقۇقى ۋە يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى رەنىگە قويسا بولىدۇ. قارشى كېپىللىك بىلەن تەمىنلىشى زۆرۈر بولغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئېلىم ھېسابىدىكى پۇل، تاۋار ماركىسى، پاتېنتى، پاي ھوقۇقى، مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق كۆچمە مۈلۈكى ياكى شەكىلسىز مۈلكى ئارقىلىق قارشى كېپىللىك بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىناۋەتلىك مەھەللىلەر تونۇشتۇرغان ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەر ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلسا قارشى كېپىللىك كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
كارخانىلار ئەڭ كۆپ بولغاندا 2 مىليون يۈەن قەرز پۇل ئالالايدۇ.
‹‹ئۇقتۇرۇش››تا ئەمگەك كۈجۈملەشكەن كارخانىلارغا قەرز پۇل بېرىش چارىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ئەينى ۋاقىتتا كۆپەيتىلگەن ئىش ئورنىغا ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلارنى يېڭىدىن قوبۇل قىلغان ھەم بىر يىللىقتىن ئارتۇق ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان، قوبۇل قىلغان ئادەم سانى ئوندىن كۆپ بولغان كارخانىلار 500 مىڭ يۈەن قەرز پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ؛ ئەينى ۋاقىتتا ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلغان ئادەم سانى 30دىن كۆپ بولغان كارخانىلار 1 مىليون يۈەن قەرز پۇلىدىن؛ 80دىن كۆپ بولغان كارخانىلار 2 مىليون يۈەن قەرز پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش مەبلىغى بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ.
بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش مەبلىغى بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ، بۇ مەبلەغ ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرىنى ئېچىش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى قۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش، تىجارەت باشلاشنى تىزىملىتىشقا ياردەملىشىش، داۋاملىق يۆلەشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى تۈرلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ، بۇ مەبلەغ ئاساسلىقى مەبلەغ جۇغلاش ئىقتىدارى ئاجىز ۋىلايەت ۋە ناھىيە – شەھەرلەرگە ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ.
ئاپتونوم رايون بۇنىڭغا قارىتا ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى جۇغلاش مېخانىزمى بەرپا قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىز ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشقا ئىشلىتىلىدىغان مەبلىغىدىن ئۈچ يىلدا 30 مىليون يۈەن (يىلىغا 1 مىليون يۈەندىن) ئاجرىتىدۇ؛ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئاجرىتىدىغان مەبلىغى 5 مىليون يۈەندىن؛ ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ ئاجرىتىدىغان مەبلىغى 2 مىليون يۈەندىن ئاز بولمايدۇ.
شىنجاڭ ‹‹شەھەر گېزىتى››دىن
مەنبە : ئىگىلىك مۇنبىرىدىن پايدىلىش تەشۋىقاتى مەقسىتىدە يۆتكەپ كېلىندى.
|
------分隔线----------------------------