ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر > ئىقدىساد >

ئامېرىكا ئىقتىسادى ئوتتۇرا مەزگىلدە تەدرىجىي ياخشىلىنىدۇ

يوللانغان ۋاقتى: 23:05 15-10-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئامېرىكا ئىقتىسادى ئوتتۇرا مەزگىلدە تەدرىجىي ياخشىلىنىدۇ

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 12- ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئەھۋالى ئوتتۇرا مەزگىلدىن قارىغاندا تەدرىجىي ياخشىلىنىدۇ، ئەمما ئىشسىزلىق نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرىدۇ.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق پۇل سىياسىتىنى بەلگىلەش قەرەللىك يىغىنىڭ خاتىرىسىدە مۇنداق دېيىلدى: پۇل سىياسىتى، كرېدىت ئېشىش ۋە ئىستېمالچىلار بىلەن كارخانىلار ئىشەنچىسىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى تۆۋەن نۇقتىدىن ئېشىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە، ئوتتۇرا مەزگىلدىن قارىغاندا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى تەدرىجىي تېزلىشىشى مۇمكىن، بۇ مەزگىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولىدۇ، ئەمما 2013- يىلىنىڭ ئاخىرى ئىشسىزلىق نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرىدۇ.
يىغىن خاتىرىسىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئاستىلىتىۋەتكەن ۋاقىتلىق ئامىللار پۈتۈنلەي تۈگىتىلدى، بولۇپمۇ ياساش سانائىتى ساھەسىدە، تەمىنلەش زەنجىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ۋەزىيىتى ياخشىلاندى، يىل ئاخىرىدا سېتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بەلگىلىك ئاشىدىغانلىقىدىن ئۈمىد بار.
مەزكۇر يىغىن خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، يەر شارى پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى بېسىم، ئۆي- جاي بازىرىنىڭ ئاجىز بولۇشى ۋە ئىقتىسادىي كەلگۈسىدىكى مۇقىمسىزلىق ئېشىش قاتارلىق ئامىللار ئىستېمالچىلار ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە زەربە بېرىپ، ئىقتىسادىي ئېشىشقا يۈك بولۇپ قالغان.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يەنە ياۋروپا قەرز كىرزىسىنىڭ تەسىرىدە كۆرۈلگەن تاشقى ئۈنۈمدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يىغىن خاتىرىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر ياۋروپانىڭ تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرى كىرزىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالمىسا، ياۋروپانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق قەرز كىرزىسى ۋە بانكا سىستېمىسىدىكى مەسىلىلەر ئېغىرلىشىپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىغا يۇشۇرۇن بولغان ئېغىر سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى پۇل سىياسىتىنى بەلگىلەش قەرەللىك يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن: فېدېراتسىيە فوند ئۆسۈم نىسبىتىنى داۋاملىق تۈردە نۆلدىن %0.25 كىچە بولغان سەۋىيەدە ساقلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يەنە 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق زايومنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، ئۇزۇن مەزگىللىك ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر