شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغاندا، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ميۇ شياۋجۇن 30- نويابىر مەملىكەتلىك مالىيە خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش خىزمىتى بويىچە ئېچىلغان سىن يىغىنىدا تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە مالىيە كىرىمى خامچوتتىكىدىن ئاشىدىكەن، مەركەز مالىيەسى ۋە يەرلىك مالىيەلەرنىڭ كىرىمى بەلگىلىك مىقداردا ئارتۇق يىغىلىدىكەن.
ميۇ شياۋجۈن مۇنداق دېدى: مەركەز مالىيە كىرىمىنى ئارتۇق يىغىلىشىنىڭ سەۋەبى: ئىمپورتنىڭ ئېشىش مىقدارى يىل بېشىدا بېكىتىلگەن مۆلچەردىن ئارتۇق بولغاچقا، شۇنىڭغا ماس ھالدا كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىنىڭ ئەمەلىي ئېشىش ئەھۋالى خامچوتتىن ئېشىپ كەتكەن؛ سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش كۆلىمى ۋە مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى يىل بېشىدا بېكىتىلگەن مۆلچەردىن يۇقىرى بولغاچقا، شۇنىڭغا ماس ھالدا قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە ئىستېمال بېجىنىڭ ئېشىش ئەھۋالى خامچوتتىن ئېشىپ كەتكەن.
ئىگىلىنىشچە، بۇ يىل 1- ئايدىن 10- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى مالىيە چىقىمىدا خامچوتنىڭ %77.4 تى ئورۇندالغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە قارىغاندا %5.2 ئاشقان، 2007- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە قارىغاندا %7.4، 2008- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە قارىغاندا %10.7، 2009- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە قارىغاندا %12 ئاشقان.