«خېجۇڭ سىشې» پاي چېكى بۇلتۇر 2 - دېكابىر بازارغا سېلىنغاندا، ۋاسكېتبول چولپىنى ياۋ مىڭنىڭ بۇ پاي چېكىنى كۆپلەپ سېتىۋالغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقانىدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2007 - يىلى دېكابىردا «خېجۇڭ سىشې» پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى گو شىنپىڭ ئۆز نامىدىكى 375 مىڭ پاي چېكىنىڭ ھەر بىرىنى بىر يۈەن باھادا ياۋ مىڭغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە بازارغا سېلىنغاندىن كېيىنكى پاي چېكى تەقسىملەپ بېرىش ئارقىلىق، ياۋ مىڭنىڭ ئىلكىدىكى پاي چېكى 810 مىڭغا يەتكەن. بۇلتۇر 31 - دېكابىر «خېجۇڭ سىشې» پاي چېكى 43.37 يۈەندە بازارنى ئاياغلاشتۇردى، بازارغا سېلىنغاندىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 94.65 يۈەنگە قارىغاندا باھاسى %50 تىن ئارتۇق چۈشكەن بولسىمۇ، ياۋ مىڭنىڭ ھېساباتىدىكى پاي چېكىنىڭ بازار قىممىتى 29 مىليون 270 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، سېلىنما پايدىسى 77 ھەسسە ئاشتى. بۇ يىل پاي چېكى باھاسى چۈشۈپ كېتىپ ياۋ مىڭ ئېغىر زىيان تارتتى، ئۆتكەن جۈمەدىكى بازار ئاياغلاشقان باھا 24.71 يۈەن بويىچە ھېسابلىغاندا، ياۋ مىڭنىڭ ئىلكىدىكى پاي چېكىنىڭ بازار قىممىتى 20 مىليون يۈەنگە چۈشۈپ قالدى، ياۋ مىڭ 10 مىليون يۈەنگە يېقىن زىيان تارتتى.