![]() ئامېرىكا ئالتۇننىڭ زاپاس مىقدارى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 1–ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن، زىبۇ–زىننەتكە ئىشلىتىلگەن ئالتۇن مىقدارى بويىچە ھېسابلىغاندا، ھىندىستان 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى پۈتۈن دۇنيادىكى زىبۇ–زىننەتكە ئىشلىتىلگەن ئالتۇننىڭ %20 ى ھىندىستاندا.
يەر شارىدىكى ئالتۇن ئەڭ كۆپ جاي دېڭىز–ئوكيان بولۇپ، دېڭىز-ئوكياندا تەخمىنەن 10 مىليارد توننا ئالتۇن بارلىقى مۆلچەرلەنگەن. ئەمما، تا بۈگۈنگە قەدەر دېڭىز–ئوكيانلاردىن ئالتۇن ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى تېپىلغىنى يوق.
ئۇزۇندىن بۇيان، رېماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغىنى داۋالاشتا، بىر خىل ئالتۇندىن ياسالغان سۇيۇقلۇقنى ئۇكۇل قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىۋاتىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى ياللۇغنى قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئالتۇن پۇل بولۇپلا قالماي يەنە بىر خىل دورا ئىكەن.
ئاۋستىرالىيە تەتقىقاتچىلىرى بىر خىل ئالاھىدە مىكرو جانلىقنى بايقىغان بولۇپ، بۇ خىل مىكرو جانلىق تاغ جىنسلىرىدىكى يۇقۇندا ئالتۇننى يۇتۇۋېلىپ، ئاندىن ئۇنى يىغىپ كاللەك ئالتۇنغا ئايلاندۇرىدىكەن. ھازىر ئالتۇن كان شىركەتلىرى ئالتۇن ئېلىشتا، سىئانىدلاشقان ماددا ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى بۇ خىل جانلىق ئارقىلىق تاغ جىنسلىرىدىن ئالتۇن ئېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋېتىپتۇ. چۈنكى، بۇ خىل كان ئېچىش ئۇسۇلىنىڭ مۇھىتقا بولغان بۇزغۇنچىلىقى ئىنتايىن ئاز ئىكەن، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىمۇ خېلى يۇقىرى ئىكەن.
مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7–ئەسىردە، ئىتالىيەنىڭ چىش دوختۇرلىرى ئالتۇندىن يالغان چىش ياسىغان. 16–ئەسىردە ئالتۇن كاۋاك چىشنى تولدۇرىدىغان ماتېرىيال سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن.
ئامېرىكىنىڭ «ئاپوللو» ناملىق ئۇچار كېمىسىنىڭ ئايغا چىقىش بۆلۈمچىسىنىڭ سىرتىغا بىر قەۋەت ئالتۇن يالىتىلغان. يەنە ئۇچقۇچىلارنىڭ باش كىيىمىنىڭ سىرتىغىمۇ بىر قەۋەت ئالتۇن يالىتىلغان. بۇنداق قىلغاندا ئۇچقۇچىلارنىڭ كۆزىنى نۇرنىڭ تەسىرىدىن ساقلىغىلى بولىدىكەن.
ئالتۇننىڭ سوزۇلۇشچانلىقى ۋە ئەۋرىشىمچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، بىر ئۇنسىيە ئالتۇننى قۇيۇش ئارقىلىق 1 مىليوندىن بەش ئىنگلىز سۇڭى قېلىنلىقتىكى يېرىم سۈزۈك ياپراقچىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئۇ بىر تال چاچ دىيامېتىرىنىڭ 10/1 ىگە توغرا كېلىدۇ.
|