ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر > ئىقدىساد >

بۇ يىل سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا 260مىليارت مەبلەغ سېلىندى

يوللانغان ۋاقتى: 23:09 15-10-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
بۇ يىل سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا 260مىليارت مەبلەغ سېلىندى

12- ئۆكتەبىر، دۆلەت ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى سۇچىلىق ۋەزىيىتى ۋە سۇچىلىقنىڭ «12- بەش يىللىق» پىلانى قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئەھۋاللار توغۇرلۇق ئاخبارات ئېلان قىلش يىغىنى ئۆتكۈزدى. سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جىياۋ يۇڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا 260مىليارت مەبلەغ سېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئاھالىلىرى بىلەن يېزا مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلدۇق.
جىياۋ يۇڭ مۇنىلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە زور كۆلەملىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان سۇچىلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش تېزلىتىلدى.
جىياۋ يۇڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان 260مىليارت مەبلەغنىڭ ئىچىدە مەركەز سالغان مەبلەغ 113مىليارت900 مىليۇن يۈەن بولۇپ، 63مىليۇن 500مىڭ يېزا ئاھالىلىرى بىلەن يېزا مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش مەسىلىسى نۇقتىلق ھەل قىلىندى. 327چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايۇنى يۈرۈشلەشتۈرۈلدى ياكى سۇ تىجەر قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. 6595 مەسىلىسى بار سۇ ئامبارلىرىنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىپ، مۇستەھكەملەش، 800دىن ئارتۇق ئوتتۇرا كىچىك دەريا ئېقىنىنى تۈزەش، 1250 ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىقىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە قۇرۇش، 1100 ناھىيىنىڭ كەلكۈن ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش سېستېمىسى قۇرۇش، ھەمدە دەريالارنى تۈزەش، نۇقتىلىق تۈگۈن، سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشى، سۇ ۋە تۇپراقنى ساقلاپ قېلىش ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەر سېتىش پايدىسىنىڭ %10 نى يېزا سۇ چىلىق قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، سۇچىلىققا مەبلەغ سېلىشنىڭ كۆلىمى تېخىمۇ كېڭىيىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تېزلىتىلىدۇ.


سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر