نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >

پەخىريە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 711 نۇمۇر ئالدى

يوللانغان ۋاقتى: 02:35 30-06-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
پەخىريە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 711 نۇمۇر ئالدى 2011-يىلى6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدى ئادەم د

پەخىريە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 711 نۇمۇر ئالدى

  

2011-يىلى  6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى ،بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئوماق قىزىمىز پەخىريە ئەشرەپ  711نەتىجە بىلەن پەخىرلىنىشتىن باشقا يەنە ماتىماتكا ئىمتىھان نەتىجىسى 150 نومۇر بولۇپ بۇ بەلكىم پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ يوققىرى نومۇرى بولىشى مۇمكىن بىراق شىنجاڭ بويىچە ئەڭ يۇققىرى نومۇر ، بولۇپمۇ ماتىماتكىدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تۇنجى قېتىم تولۇق نومۇر رېكودىنى يارتىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .
 
شىنجاڭدىكى تەبئىي پەن ماتىماتىكىسىدا تۇنجى تولۇق نومۇر ئالغان ئۇيغۇر قىزى پەخرىيە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا جەمئىي 711 ئېلىپ، شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى بولدى. 1984-يىلى شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقاندىن بۇيان، شىنجاڭدىن تۇنجى بولۇپ چىققان تەبئىي پەن ماتىماتىكىسىدا تولۇق نومۇر
 (150 نومۇر) ئالغان ئوقۇغۇچى. ئۇنىڭ ئىسىمى پەخىرىيە ئەشرەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى. بۇرۇندىنلا دوختۇر بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان پەخىرىيە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرىۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
 
 6-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، مۇخبىرلار كۆپ قېتىم ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، پەخىرىيەنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، ئۇنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بىز بىلەن يۈزكۆرۈشتى. بىر سائەتكە يېقىن سۆھبەت جەريانىدا مۇخبىرلار ئۇلارنىڭ شادلىق ياشلىرىغا جۆر بولدى 
 
پەخىرىيە دادىسىنىڭ سۆزلىرىنى مۇخبىرغا تەرجىمە قىلىپ بەردى، «مەن ئۇنى كىچىكىدىنلا ئۇنىڭ بىزنى پەخىرلەندۈرىدىغان بىر ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم، ئۇ دەرۋەقە شۇنداق قىلالىدى.»
 ئۇ ماتىماتىكىدا تولۇق نومۇر ئالغانلىقىنى بىلگەن ۋاقتىدا، بۇ خەۋەرگە ئىشىنىشكە جۈرئەت قىلالماي قالغان، چۈنكى نومۇرىنى مۆلچەرلىگەن ۋاقىتتا 145 نى مۆلچەرلىگەن، ئومومىي نومۇرنى بولسا 690 ئەتراپىدا مۆلچەرلىگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بولسا 711 نومۇرغا ئېرىشكەن ئىدى، ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى بىلگەن ۋاقتىدا، دادىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپ كەتكەن.
 
 پەخىرىيەنىڭ مەخپىي رېتسىپى: ئۆگنىش ئۈنۈمىنى يوقىرى كۆتۈرۈشتە سۇئالنى كۆپ ئىشلەش
 
 بۇرۇندىنلا ماتىماتىكىدا تەبئىي تالانتى بار دەپ قارىلىدىغان پەخىرىيە مۇنداق دىگەن:« ماتىماتىكىدا تولۇق نومۇر ئېلىشىمدا تەبئىي تالانت %1، تىرىشچانلىق %99 ».
 پەخىرىيەنىڭ بىرىنچى ئارزۇسى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا بۆلۈمى. ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇ كەسىپنى تاللىغانلىقى توغۇرسىدا سۆھبەتلەشكەندە، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار ئۈزۈلمەي تۆكۈلدى....
 
 پەخىرىيە : ئالدىنقى يىلى 10-ئايدا مۇمام (ئاپىسىنىڭ ئاپىسى) تۈگەپ كەتتى، ئۇ راك كېسىلى بولۇپ قالغان، بۇۋام ئاغىرىپ قالغاندا، دادام بىر پارچە X نۇر تەكشۈرۈش لېنتىسىنى ماڭا بېرىپ، سەن چوقۇم دوختۇر بولغىن، دىگەن، مەن شۇنىڭدىن باشلاپ دوختۇر بولۇشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلدىم.
 
 پەخىرىيە تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ مەخسۇس پروگراممىسىغا قاتناشتى، پروگراممىغا ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇسەمەت ئابدۇغېنىمۇ تەكلىپ قىلىنغان ئىدى، ئۇ مۇنداق دىدى:« پەخىرىيە دىگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى ‹پەخىرلىنىش› دىگەنلىك، ئۇنىڭ ماتىماتىكىدا تولۇق نومۇر ئالغانلىقىنى بىلگەندە، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار شادلىنىپ كېتىشتى، ئۇ ھازىر پەقەت بىزنىڭ مەكتەپنىڭلا پەخىرى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىنىڭ پەخىرى». 
 
 Www.SalamURUMQI.Com
 
 

سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى

ياخشىكەن
(56)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر