نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >

ئىگىلىك تىكلەش ھەققىدە سەمىمىي مەسلىھەت

يوللانغان ۋاقتى: 02:57 09-05-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىگىلىك تىكلەش ھەققىدە سەمىمىي مەسلىھەت
 
ئىگىلىك تىكلەش بىر مۇشەققەتلىك جەريان. ئىگىلىك تىكلەش كىشىدىن قاتتىق ئېرادە تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولسىڭىز، ئىگىلىك تىكلەش ھەققىدە 14 تۈرلۈك سەمىمىي مەسلىھەتكە قۇلاق سېلىڭ.
1. تىجارەت مەقسىتىنى ئېنىق بېكىتىش. دەسمايىنى خورىتىدىغان سودىنى قىلماسلىق كېرەك. تىجارەت يۆنىلىشىنى ئېنىق بېكىتىش كېرەك. يەنى نېمە تىجارەت قىلىدىغانلىقىنى بېكىتكەندىن كېيىن، مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىنى بېكىتىش، ئاندىن مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى ئويلىشىش كېرەك.
2. دۇكاننىڭ ئورنىنى ئوبدان تاللاش كېرەك. سودىنىڭ روناق تېپىش-تاپماسلىقى دۇكاننىڭ ئورنىنى تاللاش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
3. خىزمەت مۇھىتىغا ئەھمىيەت بېرىش. قولنىڭ ئۇچىدىلا تۈزەشتۈرۈپ قويماسلىق كېرەك. يېڭى كارخانىدا يېڭىچە كەيپىيات بولۇشى كېرەك، خىزمەت مۇھىتى بۇ خىل يېڭىچە كەيپىياتنىڭ ئىپادىسىدۇر.
4. سودا ئالاقە تورىنى ياخشى ئورنىتىش، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە سەل قارىماسلىق كېرەك.
5. بازار ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن ئەگىشىش، ئارقىدا قالماسلىق كېرەك.
6. نىشانلىق خېرىدارلارنى بېكىتىش، بارلىق ئىستېمالچىلارنى نىشانلىماسلىق كېرەك.
7. قارىغۇلارچە مال كىرگۈزمەسلىك كېرەك. مالنىڭ تۈرىنى تاللاشقا ماھىر بولسا، بازار رىقابىتىدە جەزمەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ.
8. سېتىش تاكتىكىسىغا سەل قارىماسلىق كېرەك. سېتىش تاكتىكىسى سودىدا قوللىنىدىغان زۆرۈر ۋاستە. ئەڭ مۇھىمى تاكتىكىنى جانلىق ئۆزگەرتىش، كۆپرەك كاللا ئىشلىتىش، كالتە پەم رىقابەتچىلەرنى ئارقىدا قالدۇرۇش كېرەك.
9. قەرز ئېلىشتىن نومۇس قىلماسلىق كېرەك. زېرەك سودىگەر بىر تەرەپتىن قەرز ئېلىپ، بىر تەرەپتىن مەبلەغ سېلىپ، تىجارەت كۆلىمىنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىدۇ.
10. مەبلەغ توپلاش نورمىسى ۋە ئۇسۇلىنى بېكىتىش، تەييارلىقسىز ئىش قىلماسلىق كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسىدىن بار مەبلەغ سوممىسىنى چىقىرىۋەتكەندە, قالغىنى توپلىنىدىغان مەبلەغنىڭ سوممىسى بولىدۇ. توپلىنىدىغان مەبلەغنىڭ سوممىسىنى بېكىتكەندىن كېيىن، يەنە بانكىدىن قەرز ئېلىش مەسىلىسىنى ئويلىشىش، ئۇنىڭدىن سىرت، مەبلەغ توپلاش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش كېرەك.
11. بانكىنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويماسلىق كېرەك. بانكا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى ئوبوروت قىلىدىغان مەبلەغ، پۇل تاپىدىغان پۇرسەتكە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا بانكىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش تولىمۇ مۇھىم.
12. تەننەرخنى ھېسابلاشتا بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ. سودىدا ئۇتۇق قازىنىش-قازىنالماسلىق پايدا بىلەن تەننەرخنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىچ باغلىنشلىق. شۇڭا تەننەرخنى چوقۇم توغرا ھېسابلاش، تەننەرخنى پايدا ئېلىش ياكى زىيان تارتىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىش كېرەك.
13. مەبلەغنى باشقا ياققا بۆلۈۋەتمەسلىك كېرەك. ئەڭ ياخشى ئۇسۇل شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، سودىنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزۇش.
14. مەبلەغنىڭ ئوبوروت قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قارىغۇلارچە مەبلەغ سالماسلىق كېرەك. سودا قىلىشقا كۆپ مەبلەغ كېتىدۇ، شۇڭا مەبلەغ ياخشى ئوبوروت قىلىنمىسا، شىركەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا خەۋپ يېتىدۇ. ئادەتتە تىجارەتچىدە پۇل بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما پۇلى چەكلىمىگە ئۇچرىغاچقا، ۋاقتىدا ئېلىپ ئىشلىتەلمەيدۇ. دېمەك، مەبلەغنىڭ ئوبوروت قىلىنىشىنى ياخشى ھەل قىلىش تولىمۇ مۇھىمدۇر.

 

ياخشىكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر