نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >

5 مىليون مۇكاپات چىقسا ئوقۇشتىن ۋاز كېچىش كېرەكمۇ

يوللانغان ۋاقتى: 10:51 14-05-2011 مەنبە: شىنخۇاتورى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
يۇقىرى سوممىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئوقۇماسلىق كېرەكمۇ؟

شىنخۇا تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرى، يېقىنقى كۈنلەردە مۇنازىرە-مۇنبەرلەردە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر خەۋەر تارقالغان. خەۋەر مەزمۇنىدىن مەلۇم بولۇشىچە« ئەگەر ئوقۇغۇچىلار 5 مىليون يۈەن مۇكاپات چىقسا، ئۇلار مەكتەپتە ئوقۇمايدىكەن». بۇ خەۋەرنىڭ تېمىسى «مۇكاپات چىققاندىن كېيىن مەكتەپتە ئوقۇمايمەن» بولۇپ، بۇ توغرىسىدا توردا كەسكىن بەس-مۇنازىرە قوزغالغان. تورداشلارنىڭ كۆپچىلىكى يەنىلا« مۇكاپات چىقسىمۇ ئوقۇش كېرەك» دېگەن كۆز قاراشتا چىڭ تۇرغان.
يۇقىرى سوممىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئوقۇماسلىق كېرەكمۇ؟
« مەكتىپىمىزدىكى بەزى ساۋاقداشلار مەكتەپنىڭ يېنىدىكى ‹چىياڭ ۋاڭ›دىن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋاپتىكەن، 5 مىليون يۈەن مۇكاپات چىقىپتۇ، ئاڭلىسام، ئۇ ھازىر مەكتەپتە ئوقۇمايدىكەن».
« بىز ياتاقتا مۇزاكىرىلەشتۇق، ئەگەر بىزگە يۇقىرى سوممىدىكى مۇكاپات چىققان تەقدىردىمۇ، بىز يەنىلا ئۆگىنىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمىز».
«يولداشلار، مۇبادا سىلەرگە 5 مىليون يۈەن مۇكاپات چىقىپ قالسا، قانداق قىلىسىلەر؟ ئەگەر سىلەر ئوقۇغۇچى بولۇپ قالساڭلارچۇ؟ يەنىلا مەكتەپتە ئوقۇمسىلەر؟»
خەۋەرنى ئېلان قىلغۇچى مۇكاپات ئېرىشكۈچىنىڭ نىڭبو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنىمۇ ئاشكارىلىغان بولۇپ، مەزكۇر لاتارىيە بېلىتى سېتىش نۇقتىسى نىڭبو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىمالىي مەكتەپ رايونى ئوقۇغۇچىلار ئىككىنچى كەنتى ئىكەن.
تورداشلارنىڭ مۇنازىرىسى
خەۋەر ئېلان قىلغۇچىنىڭ «ئاڭلىشىمچە ئۇ مەكتەپتە ئوقۇمايدىكەن» دېگەن سۆزى كەڭ تورداشلارنىڭ مۇنازىرىسىنىڭ ئوت پىلتىسى بولغان. ئەڭ ئاخىرىدا « ئوقۇش، ئەلۋەتتە ئوقۇش كېرەك!» دېگەن كۆز قاراش ھەممىنى بېسىپ چۈشكەن. يەنە  بىر قىسىم تورداشلار تېخى « چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ» دەپ قاراشقان.
«مال-دۇنيا ۋاقىتلىق، ئىلىم مەڭگۈلۈك. بىردىنلا ئۆزىڭىزنى بېيىغان كىشىگە ئايلاندۇرۇۋالماڭ». خەۋەردە يەنىلا نۇرغۇن تورداشلار بىر-بىرىنى يەنىلا تىرىشىپ ئوقۇشقا دەۋەت قىلغان ھەمدە ئوقۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.
«yefengchuibei» ئىسىملىك تورداش مۇنداق دېگەن:« ئوقۇماي نېمە ئىشى قىلماقچى سىز؟ بەش مىليون ئەلۋەتتە، ئاز پۇل ئەمەس. ئەمما ‹يېتىپ يېسەڭ تاغمۇ توشىماس› دېگەن گەپ بار. ئەگەر سىز ئوقۇمىسىڭىز، بۇ پۇلنى توغرا، يەنى ئۆزىڭىزنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان يوللارغا ئىشلەتمىسىڭىز، بۇنچە كۆپ پۇلمۇ سىز ئۈچۈن بىردەملىك بولۇپ قالىدۇ».
تورداشلار مۇنداق دېيىشكەن:« كۆپچىلىك ئوبدان ئويلاپ باقايلى، باجنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، قولىمىزغا تېگىدىغىنى 4 مىليون يۈەن، بىر يۈرۈش ئۆي، بىر ماشىنىغا، ئەگەر ئۆي ئالىيراق بولۇپ قالسا، ئۇ ھالدا 4 مىليون يۈەن يەتمەيدۇ». «كۆكتات ئىلاھى كىچىك ئۇماچ» ناملىق تورداش مۇنداق دېگەن:« ئوقۇماي بولمايدۇ، ھازىر 4 مىليون يۈەن بىلەن كاتتا باي بولغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نىڭبودا بۇ پۇلغا بىر ئۆي ۋە خوتۇن ئالغىلى بولمايدۇ».
نىڭبو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2 -يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىسى شىياۋ چېن مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن:« ئەگەر تەلىيىم ئوڭدىن كېلىپ ماڭا 5 مىليون يۈەن مۇكاپات چىقىپ قالىدىغان بولسا، ئۇنداق مەن يەنىلا ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرىمەن، ئەمما چەتئەلدە ئوقۇشنى تاللايمەن. مەن ئۆزۈم ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ۋە مۇكەممەل بولغان تەربىيىلىنىش مۇھىتى تاللايمەن».
نىڭبو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2 -يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىسى شىياۋ گې مۇخبىرغا مۇنداق  دېگەن:« ئەگەر ماڭا مۇكاپات چىقىپ قالسا، مەن ھەرگىز ئوقۇشۇم ۋە كەسپىمدىن ۋاز كەچمەيمەن. چۈنكى پۇل دېگەن بارغانسېرى ئازىيىپ بارىدۇ، ئەمما بىلىم ئادەمگە مەڭگۈ ئەسقاتىدۇ. چۈنكى كونىلار‹يېتىپ يېسەڭ تاغ توشىمايدۇ› دېگەن گەپ بار. مېنىڭچە ئۇنداق ئالدىراقسانلىق قىلىش، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس».
ئەگەر سىز 5 مىليون يۈەن مۇكاپات چىقسا قانداق ئىشلىتىسىز؟ مەبلەغ سېلىڭ، ساياھەت قىلىڭ ۋە ئىگىلىك تىكلەڭ
« ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكمۇ-يوق»دېگەندىن باشقا يەنە « ئۇ پۇلنى قانداق ئىشلىتىش» دېگەن مەسىلىمۇ بىر چوڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.
«ئالتۇن سۇمۇرغ» ناملىق تورداش مۇنداق دېگەن:« ئەگەر سىز 5 مىليون بىلەن مەبلەغ سېلىپ، تېرىشمىسىڭىز، ئۇنداق بۇ پۇلىڭىز بىردەمدىلا تۈگەيدۇ».
«باۋ ئېر يا» ناملىق تورداش مۇنداق دېگەن:« ئەگەر شۇنداق بولسا، مەن مەكتەپ يېنىدىن ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇپ، ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرغان بولاتتىم!».
ئىشقىلىپ بۇ توغرىسىدا تورداشلارنىڭ پىكرى ھەر خىل بولغان، ھەر كىم ئۆز كۆز قارىشىنى ئېيتىپ ئۆتكەن. «مۇكاپات چىققاندىن كېيىن، يەنىلا ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش» دېگەن ئىدىيە يەنىلا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن.


 

ياخشىكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر