خەلق پۇلى پۈتۈن دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا ...
يوللانغان ۋاقتى: 20:08 08-10-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئەنگىلىيە پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىخەلق پۇلى پۈتۈن دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلدى ، ئۇنىڭ ئاساسل
ئەنگىلىيە پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى خەلق پۇلى پۈتۈن دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلدى ، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :
ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئىقتىسادىي داۋالغۇش ئۇزاق مەزگىللىك ۋە چوڭقۇر بىر ئۆزگىرىشنى تېزلەتمەكتە . غەرب دۇنياسى پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىدا ئۈچ ئەسىرگىچە يېتەكچى ئورۇندا تۇرغاندىن كېيىن ، جۇڭگودىن ئىبارەت قۇدرەت تېپىۋاتقان بۇ ئاسىيا دۆلىتى ئالدىدا زەئىپلىشىشكە باشلىدى . جۇڭگو ئىقتىسادىي كۆلەم جەھەتتە ۋە سېتىۋېلىش كۈچى ئارقىلىق ئۆلچىگەندىمۇ ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىپلا قالماستىن ، خەلق پۇلىمۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزاقراق ۋاقىتقىچە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ، دۇنيانىڭ ئاساسلىق زاپاس پۇلىغا ئايلىنىدۇ .
بۇنىڭدىن گۇمانلانغۇچىلار بۇنداق مۆلچەرنى تۆۋەندىكىدەك ئىككى سەۋەب ئارقىلىق مەسخىرە قىلماقتا : بىرىنچى ، جۇڭگو ئىقتىسادىي جەھەتتە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ، خەلق پۇلىنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئارقىدا قالارمىش . ئامېرىكا ئىقتىسادى 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى بېشىدا ئەنگىلىيەدىن ئېشىپ كېتىپتىكەن ، لېكىن تاكى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدە ، ئامېرىكا دوللىرى ئاندىن فونت ستېرلىڭنىڭ ئورنىنى تامامەن ئاپتىكەن . شۇڭا ، قۇدرەت تاپقان دۆلەتنىڭ پۇلى ئاساسلىق زاپاس پۇلغا ئايلىنىش ۋاقتى بىلەن شۇ دۆلەتنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدا يېتەكچى ئورۇن تۇتۇش ۋاقتى ئوتتۇرسىدا تەخمىنەن 70 يىل پەرق بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەرمىش .
ئىككىنچى ، تېخى جۇڭگو خەلق پۇلىنى زاپاس پۇلغا ئايلاندۇرۇشقا لايىق سىياسەت ۋە بازار مۇھىتى بەرپا قىلمىغانمىش . جۇڭگونىڭ كاپىتال ئىسچوتى ئاساسەن يەنىلا يېپىق ھالەتتە تۇرغانمىش ، يەنە كېلىپ خەلق پۇلىنى ھازىرچە باشقا پۇللارغا ئەركىن ئايرىۋاشلىغىلى بولمىغانمىش ، دېمەك ، چەت ئەللىكلەر خەلق پۇلىغا ئىختىيارىي ئېرىشەلمەيدىكەن . مۇشۇنداق ئەھۋالدا ، چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ياكى خۇسۇسىي تارماقلار چىقىم تۈرلىرىگە قانداقمۇ خەلق پۇلى ئىشلىتەلەيدۇ ، خەلق پۇلى مۈلكىگە ئىگە بولۇشتا ياكى ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە باھانى قانداقمۇ خەلق پۇلى ئارقىلىق ھېسابلىيالايدۇ ؟
باشقىچە سۆز بىلەن ئېيتقاندا ، بازارنىڭ دوللارغا سادىق بولۇشى ۋە جۇڭگودا زۆرۈر سىياسەت شارائىتى بولمىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى سەۋەب خەلق پۇلىنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى ئۇزاق ئېھتىمالغا ئايلاندۇرۇپ قويغانمىش . بۇنداق دېيىش زور خاتالىق ھېسابلىنىدۇ ! بىرىنچىدىن ، ئادەتتە قوللىنىلىۋاتقان تارىخىي ئوخشاشلىق ئەمەلىيەتتە خاتا يېتەكلەش خاراكتېرىنى ئالغان . ئەنگىلىيەنىڭ ئىقتىسادتىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن ۋاقتى بەزىلەر ئويلىغاندىكىدىنمۇ كېيىن بولدى ، لېكىن فونت ستېرلىڭنىڭ زاپاس پۇللۇق ئورنىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن ۋاقتى بەزىلەر ئويلىغاندىكىدىنمۇ بالدۇر بولغان .دېمەك ، ئامېرىكا 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئەمەس ، بەلكى 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاندىن ئەنگىلىيەدىن ئېشىپ كەتتى . ئەنگىلىيە تاكى 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىغىچە يەنىلا دۇنيادا ئەڭ چوڭ ئېكىسپورت دۆلىتى ۋە ساپ كاپىتال چىقارغۇچى دۆلەت بولۇپ كەلدى .
ئىككىنچىدىن ، جۇڭگو ئىقتىسادىي جەھەتتە قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىپ ، ئامېرىكىغا يېتىشىۋالاي دەپ قالدى . سېتىۋېلىش كۈچى بويىچە ئۆلچىگەندە ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى ئامېرىكا بىلەن تەڭلىشىپ قالدى ؛ لېكىن جۇڭگونىڭ چەت ئەلگە ئېكىسپورت قىلغان مۈلۈك كۆلىمى ئامېرىكىدىن كۆپ بولماقتا . مۇۋاپىق تارىخىي سېلىشتۇرما بويىچە قارىغاندا ، ئامېرىكا دوللىرى 10 يىلغىچە ئورنىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ . جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىي كۈچى خەلق پۇلىنىڭ قۇدرەت تېپىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە .
نېمە ئۈچۈن جۇڭگو خەلق پۇلىنىڭ زاپاس پۇلغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ؟ جاۋاب شۇكى ، جۇڭگو رەھبەرلىرى ھازىر نەچچە ئون يىل داۋاملىشىپ كەلگەن ، بەس-مۇنازىرە قوزغاۋاتقان ئىقتىسادنىڭ بۇنداق يۈكسىلىش ئىستراتېگىيەسىدىن چېكىنىپ چىقىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەۋاتىدۇ . ھازىرقى بۇ ئىستراتېگىيە بويىچە ، جۇڭگو ئىقتىسادى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى بېسىشقا تايىنىپ ۋە چەت ئەل كاپىتالى ئۈچۈن ئىقتىساد دەرۋازىسىنى تاقىۋېلىش ھېسابىغا يۈكسەلدى . خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشى مانا مۇشۇنداق چېكىنىش چارىسىنى تېپىپ بېرىدۇ .
|
------分隔线----------------------------