كونتۇرۇللىغىنى يوقاتقان ماشىنا 6 ئايلىق بوۋاقنى سوقىۋەتتى
يوللانغان ۋاقتى: 18:18 24-09-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن سائەت 3:30 لارئەتراپىدا، جىياڭشى ئۆلكىسى فۇجۇ شەھىرى لىنچۈەن رايونى نەنخۇ يېزىسىدىكى 316-دۆلەت يولىدا، بىر دېھقا
تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن سائەت 3:30 لارئەتراپىدا، جىياڭشى ئۆلكىسى فۇجۇ شەھىرى لىنچۈەن رايونى نەنخۇ يېزىسىدىكى 316-دۆلەت يولىدا، بىر دېھقاننىڭ كىچىك يۈك ماشىنىسى كونتىروللۇقىنى يوقىتىپ، يول بويىدىكى بىر تۇرالغۇ ئۆيگە بۆسۈپ كىرىپ كەتكەن. ئۆيدىكى ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاق نەق مەيداندا ئۆلگەن. بۇ يۈك ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى ۋە بوۋاقنىڭ چوڭ دادا، چوڭ ئاپىسى قاتارلىق تۆت نەپەر كىشى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يارلانغان.
تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن، تەخمىنەن سائەت 4:00 لەر ئەتراپىدا، مۇخبىر ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان فۇجۇ شەھىرى لىنچۈەن رايونى نەخۇ يېزىسى خۇڭتاڭ كەنتى 1-گۇرۇپىغا يىتىپ كەلدى. ھەمدە ۋەقە سادىر قىلغان يۈك ماشىنىسىنىڭ ئۆينىڭ ئىچىدە تۇرغانلىقىنى، ماشىنىنىڭ ئالدى تەرىپىنىڭ بولسا ماكچىيىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ ئۆينىڭ ھويلا تېمىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. بۇ ئۆينىڭ ئىگىسى چې خانىمنىڭ تۇنۇشتۇرىچە، بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، چې خانىم ئۆيدە ئۇخلاۋاتقان بولۇپ، تۇيۇقسىز گۇڭڭىدە قىلغان ئاۋاز قاتتىق كۈچلۈك ئاۋاز ئاڭلانغان. ئارقىدىنلا بىر ئادەم ئۈستىگە چىقىپ چې خانىمغا ئىش چىققانلىقىنى ئېيىتقان. شۇنىڭ بىلەن چې خانىم پەسكە چۈشۈپ قاراپ، بىر كىچىك يۈك ماشىنىسىنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىسىغا بۆسۈپ كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن. بۇ ماشىنىنىڭ يېرىمى دىگۈدەك ھويلىنىڭ يېنىدىكى ئاشخانىغا كىرىپ كەتكەن ئىكەن. مۇخبىر نەق مەيداندىن ئۆينىڭ ئىچىنىڭ ھەممە يېرى ئەينەك پارچىلىرى بىلەن تۇشۇپ كەتكەنلىكىنى،ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ ئۆرۈلۈپ بىر يانغا قىسىيىپ قالغانلىقىنى كۆردى.
بىر نەپەر ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ ۋاقىتتا تۆت نەپەر كەنىت ئاھالىسى چې خانىمنىڭ ئاشخانا ئۆيىدە قارت ئويناۋاتقان، چې خانىمنىڭ ئۇدۇل قوشنىسى چېن ھامما بولسا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان نەۋرىسىنى قۇچاقلاپ بىر تەرەپتە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ قارت ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتقان ئىكەن. بۇ كىچىك يۈك ماشىنىسى ئۆيگە بۆسۈپ كىرىپ كەتكەن ۋاقىتتا، چېن ھامما يۈك ماشىنىسىنىڭ سۇقۇلۇشى زەربىسىدىن بۇزۇلۇپ كەتكەن ئىشىككە سۇقۇلۇپ يەرگە يىقىلىپ كەتكەن. ئۇ كۆتۈرىۋالغان ئالتە ئايلىق بولغان ئوغۇل نەۋرىسى بولسا بىر تەرەپكە ئۇچۇپ چۈشۈپ كەتكەن ۋە نەق مەيداندا قازا قىلغان.
بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، پۈتۈن بەدىنى قانغان بويىلىپ كەتكەن كىچىك يۈك ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى بىلەن چېن ھامما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددى قۇتقۇزۇلغان. يەنە ئىككى نەپەر قارتا ئويناۋاتقان كەنىت ئاھالىسىمۇ يىنىك يارلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يارىسى تېڭىپ قويۇلغان.
ئىگىلىشىمىزچە، كىچىك يۈك ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى خۇاڭ خۇنەن يېزىسى خۇاڭادىڭ چوڭ ئەترىتى خۇاڭيۈەنشەن كەنتىدىن بولۇپ، ئادەتتە كىچىك يۈك ماشىنىسىنى ھەيدەپ، باشقىلارنىڭ تاشلىرىنى توشۇپ بېرىپ جان باقىدىكەن. خۇاڭنىڭ ئۈچۈنچى تاغىسىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۇ ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن خۇاڭ باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان بولۇپ، رەقىبىنى تۇتۇش ئۈچۈن ماشىنىى ھەيدەپ ئۇنى قوغلاۋاتقان ئىكەن. بىراق ئويلىمىغان يەردىن ماشىنىنى ھەيدەپ بىر دېھقاننىڭ ئۆيىگە بۆسۈپ كىرىپ كەتكەن.نۆۋەتتە، بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى يەنىلا تەكشۈرىلىۋاتىدۇ.
|
------分隔线----------------------------