شىنخۇاتورى 11- مارىت تېلگىرامىسى: بۈگۈن ياپۇنيە ۋاقتى سائەت 14 دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە ياپۇنيەنىڭ شەرىقى دېڭىز رايۇنى بېنجوۋ ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان گوڭچېڭ ناھىيىسىنىڭ شەرقىي دېڭىز رايونىدا8.6 بال قاتتىق يەر تەۋرىدى ،تەۋرەش نوقتىسى شىمالىي كەڭلىك 38.1 گرادۇس ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 142.6 گرادۇس . تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 20 كلومىتىر . يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كىيىن ، ياپونىيە پايتەختى توكيۇدا كۈچلۈك تەۋرەش سېزىمى بولغان . يەرتەۋرەش مەركىزى بىلەن يەر يۈزى ئارلىقى 10 كېلومىتىربولۇپ 6 مىتىر ئېگىزلىكتە دېڭىز تاشقىنى پەيدا قىلغان . تېنچ ئوكيان ئالدىن سىگنال بېرىش مەركىزى روسسىيە ۋە مارىئاننا تاقىم ئاراللىرىغا دېڭىز تاشقىنىدىن سىگنال بەرگەن . فىلىپپىنمۇ دېڭىز تاشقىنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش تارقاتقان .بۇ دېڭىز تاشقىنى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىغا خەۋپ ئېلىپ كەلگەن .
ياپۇنىيە تېلىۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتىكى يەر تەۋرەشتە 29 ئادەم قازا قىلغان، 40 ئادەم يارىلانغان، سىتاتىسكىغا ئاساسلاغاندا قازا قىلغانلارنىڭ سانى داۋاملىق ئاشىدىكەن، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەر ناھايىتى كۆپ ئىكەن. دېڭىز تاشقىنى ياپۇنيەنىڭ شەرقى قىسمىدىكى ئېتىزلىق ۋە ئاھالىلار رايۇنىنى پۇتۇنلەي بېسۋالدى.(نەق مەيدان كۆرۈنىشى)
|