
بايىنغۇلىن ئوبلاستى چەرچەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە – تەنتەربىيە ئىدارىسى 10 – ئاينىڭ 3 – كۈنى چەرچەن ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان قاشتېشى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىنى قارشى ئېلىش يۈزىسىدىن دىئامېتىرى 3.65 مېتىر كېلىدىغان چوڭ كۈمەچ سېلىپ پاتېنىت ھوقۇقى ئېلىپ شاڭخەي جىننىس رىكوتى قامۇسىغا كىرگۈزۈشكە ئىلتىماس قىلماقچى بولۇپ تەييارلىق قىلغان ئىدى .

تەنتەربىيە – تەنتەربىيە ئىدارىسى يېقىندا شور بىلەن ئايلانمىسى 4.1 مېتىر ، دىئامېتىرى 12.78 مېتىر ، ئېگىزلىكى 60 سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر كۈمەشداننى سالدى ۋە 9 – ئاينىڭ 23 – كۈنى سىناق تەرىقىسىدە دىئامېتىرى 2.75 مېتىر بولغان كۈمەشنى سېلىپ مۇۋەپپىقىيەت قازاندى .

ئىگىلىنىىشچە ، بۇ چوڭ كۆمەچنى سېلىش ئۈچۈن 125 كىلوگىرام ئۇن ، 90 كىلوگىرام سۇ ، 32 كىلوگىرام قوي گۆشى ، 26 كىلوگىرام پىياز ، بىر كىلوگىرام خۇرۇچ ، ئىككى كىلوگىرام تۇز بولۇپ جەمئىي 273 كىلوگىرام ماتېرىيال كەتكەن بولۇپ كۆمەچنىڭ پىشىپ چىققاندىكى ئېغىرلىقى 210 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولغان . كۆمەچداننى قىزدۇرۇش ئۈچۈن 2700 يۈەنلىك بىر ماشىنا ئوتۇن كەتكەن ، كۆمەچنى سېلىش ئۈچۈن بەش ئۇستام 9 – ئاينىڭ 22 – كۈنىدىن باشلاپ تاييارلىق قىلغان بولۇپ 9 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7:30 دا مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ئىدارىسىدىكى 12 خادىم بىلەن بىرگە كۆمەچۋدانغا كۆمگەن كۆمەچ ئىككى يېرىم سائەتتە ئىچىدە پىشىپ بولغان .
سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى
|