نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >

پەلەستىننىڭ ب د ت غا ئەزا بولىشىنىڭ ئەھمىيىتى زادى نېمە

يوللانغان ۋاقتى: 06:20 28-09-2011 مەنبە: ئېنتىرنىت ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
پەلەستىننىڭ ب د ت غا كىرىشنى تەلەپ قىلىشى ئوتتۇرا شەرىقنى كونتىرول قىلىپ تۇرغان ئامېرىكىنى قاتتىق ئۈمۈدسىزلەندۈردى. يېقىنقى يىللار

پەلەستىننىڭ ب د ت غا كىرىشنى تەلەپ قىلىشى ئوتتۇرا شەرىقنى كونتىرول قىلىپ تۇرغان ئامېرىكىنى قاتتىق ئۈمۈدسىزلەندۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بويان، ئوتتۇرا شەرىقىنىڭ تىنىچلىق مۇساپىسى بىز ئىزىدا توختاپ قېلىپ، زادىلا ئىلگىرلەش بولمىدى. ھاياتى كۈچىنى يوقىتىپ قويدى. ھەتتا ئوتتۇرا شەرىقتىكى بەزى رايونلارنى ۋەزىيىتى تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتتى. ئابباسنىڭ پەلەستىننىڭ ب د ت غا كىرىشنى ئىلتىماس قىلىشى دەل ئوتتۇرا شەرىق تىنىچلىق مۇساپىسىنىڭ قاتمال ھالىتىنى ئوڭشاش، تىنىچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە زىمىن ھازىرلاش ئىدى. 
بۇ نوقتىدا پەلەستىن دەسلەپكى قەدەمدىكى غەلبىگە ئېرىشتى. پەلەستىن خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. يىپيېڭى بىر دىپلوماتىيە بوشلۇقى ھازىرلىدى. ئەگەر پەلەستىن دۆلەت سۈپىتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرگۈچى دۆلەت ئەزالىقىغا ئېرىشسە، ئۇنداقتا ئۇ يەنە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغىمۇ كىرەلەيدۇ. ھەمدە خەلقئارالىق سوتقا ئۆزلىرى ئۇچىرىغان ناھەقچىلىك ھەققىدە ئەرىز سۇنالايدۇ. بۇ پەلەستىننىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ئېلىپ بارىدىغان كىيىنكى تىنىچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن كەم بولس بولمايدىغان ئىش.
ئامېرىكا  ھازىر چىكىنىپ چىقالمايدىغان ئىككى يولغا كىرىپ قالدى. ئوباماغا نىسبەتەن ئىيىتقاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىننىڭ ب د ت غا كرىىشىگە قارشى تۇرۇشى يەھۇدىلارغا قارشى ئامېرىكىلىقلار ۋە ئىسرائىلىيىلىكلەرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.  ئىسرائىلىيە <دۆلەت زىمىنى گېزىتى> نىڭ 20-سىنتەبىر يازغان خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلگەن :< ئەگەر مارتىن. لۇتېر. جىننىس قايتىدىن تىرىلگەن بولسا، ئۇ قارا تەنلىك زۇڭتۇڭنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ ھوقوقىغا مۇشۇنداق ئومومىيۈزلۈك جەڭ قوزغىغانلىقىنى كۆرسە، قايتىدىن گۆرىگە كىرىپ كىتىدۇ>.
ياۋرۇپامۇ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. ئەگەر ياۋرۇپا ئىسرائىلىيىنى ئۇچۇق-ئاشكارە قوللىسا، ئۇنداقتا مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ، ش ئا ئە ت لىۋىيىگە قىلغان ھۇجۇمىدىكى پايدىلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا ياۋرۇپا <ئەرەب باھارى> نىڭ دۈشمىنى بولۇپلا قالماستىن يەنە ، ياۋرۇپا زىمىنىدا كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچىرىشى مۇمكىن. فىنلاندىيىنىڭ زۇڭتۇڭى ئەھدىسالىھ ۋە ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى سۇلانا بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن <نيو-يۇرىك ۋاقىتلىق گېزىتى> دە بىرلەشمە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، ياۋرۇپانىڭ پەلەستىننىڭ ب د ت غا كىرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەگەر پەلەستىن ب د ت غا كىرىش ئىشىدا مەغلۇپ بولسا، ئابباس تەكىتلىگەن تىنىچلىق سۆھبىتى خەلق رايىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا پايدا ئالىدىغىنى يەنىلا <خاماس> قاتارلىق بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار بولىدۇ. ئەگەر  پەلەستىن خەلقى ئەتراپتىكى مىسىر قاتارلق دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنى دوراپ، بىرلىكتە ئىسرائىلىيىگە قارشى كۈرەش قىلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئىسرائىلىيە-پەلەستىن ۋەزىيتىى كونتىروللۇقىنى يوقىتىپ، ئۇرۇش پارتىلاپ كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى مەغلۇبىيەتچىلەردىن بولۇپ قالىدۇ.


سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر