نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >

سائەت نۆلدىن باشلاپ بىنزىن ، دىزېلنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلىدۇ

يوللانغان ۋاقتى: 21:49 08-10-2011 مەنبە: شىنخۇاتورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئەتە سائەت نۆلدىن باشلاپ بىنزىن ، دىزېلنىڭ ھەر تۇننىسىنىڭ باھاسى 300يۈەن چۈشۈرۈلىدۇ

资料图
 

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا ، دۆلەتلىك ئىسلاھات تەرەققىيات كومىتىتى 9-كۈنى ئەتىگەندە پىششىق ماينىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سىتىلىش باھاسىنى تەڭشەپ ، بىنزىن دىزېلنىڭ ھەر تۇننىسىنىڭ باھاسىنى 300يۈەن چۈشۈرىدىكەن . مۆلچەر بويىچە ھىسابلىغاندا بىنزىنىڭ ھەر لىتىرى 0.22يۈەن ، دىزېلنىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 0.26يۈەن تۆۋەنلەيدىكەن .
10- ئاي كىرگەندىن بۇيان ، خەلقئارادا خام نىفىتنىڭ باھاسىدا زور داۋالغۇش بولدى . موتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە ، تۆتىنچى پەسىلدە خەلقئارادا خام نىفىتنىڭ باھاسىدىكى داۋالغۇش يەنىمۇ كۈچىيىپ ، لىۋىيەنىڭ خام نىفىت ئىكىسپورتىنىڭ تەدىرجى ئەسلىگە كىلىشىگە ئەگىشىپ ، بۇرۇنتۇ (布伦特) ۋە نيۇيۇرك ئارسىدىكى باھا پەرقى كىچىكلەش ئىھتىماللىقى بار ئىكەن .
بۇرۇنتۇنىڭ خام نىفىت باھاسى دۆلىتىمىزنىڭ ھازىر يولغا قويىۋاتقان پىششىق مايغا باھا بىكىتىش مىخانىزىمىدا پايدىلىنىدىغان ئۈچ چوڭ خام نىفىت باھاسىنىڭ بىرى بولۇپ ، باھانىڭ تۆۋەنلىشى دۆلەت ئىچىدىكى پىششىق ماي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە پايدىلىق ئىكەن . كەسپى زاتلار ئانالىز قىلىپ ، ئەگەر بۇرۇنتۇ خام نىفىت باھاسى ھازىرقى باھادا موقىم تۇرالىسا ، دۆلەت ئىچىدىكى پىششىق ماي باھاسىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ دەرىزىسى ئىچىلىدۇ دىدى .
10 - ئاينىڭ ئالدىنقى ئۈچ سودا كۈنىدە ، پايدىسىز ۋە پايدىلىق ئۇچۇرلارنىڭ ئۆز - ئارا تەسىرى ئاستىدا ، خەلقئارادا ماي باھاسىدا ئۆزگىرىش بولدى . ياۋرۇپا قەرز كىرزىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ، 10 - ئاينىڭ 4 - كۈنى نيۇيۇرك WTI دا خام نىفىتنىڭ ھەر تۇڭى باھاسى 75.67دوللارغا تۆۋەنلەپ ، بۇ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نوقتىغا چۈشۈپ قالدى . لوندون بۇرۇنتۇدا خام نىفىتنىڭ ھەر تۇڭى باھاسى 99.79دوللارغا تۆۋەنلەپ ، بۇ يىل 2 - ئاينىڭ بىشىدىن بۇيان تۇنجى قىتىم ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 100 دوللاردىن تۆۋەنلىدى .
كىشىلەر ماي باھاسى ئەمدى " ھوشىغا كىلەلمەيدۇ " دەپ ئويلاپ تۇرغاندا ، 5-كۈنى خەلقئارادا ماي باھاسى يەنە زور دەرىجىدە ئۆرلەپ ، ئالدىنقى ئۈچ سودا كۈنىدە ئۇدا تۆۋەنلەشتەك ئەھۋال تەتۈرسىگە ئايلاندى . 5 - كۈنى ئاخىرقى باھا ، نيۇيۇرك WTI دا خام نىفىتنىڭ باھاسى %5.3 ئۆرلەپ ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 79.68دوللارغا يەتتى ؛ . لوندون بۇرۇنتۇدا خام نىفىتنىڭ ھەر تۇڭى باھاسى %2.95 ئۆرلەپ ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 102.73دوللارغا يەتتى ؛


 

 سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى

ياخشىكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر