بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن تاڭ سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن 2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ياۋۇرپا رايۇنىدىكى Aگۇرۇپپىدىكى تەييارلىق مۇسابىقىدە تۈركىيە ساھىبخان بۇلۇپ گىرمانىيە بىلەن تۇتۇشتى. مۇسابىقە جەريانىدا گىرمانىيە خۇددى ساھىبخانغا ساھىبخان بولغاندەك ئىپادە كۆرسەتتى،ھەمدە 3:1نەتىجە بىلەن تۈركىيە كوماندىسىنى يىڭىپ ئۇدا9مەيدان غەلبە قىلدى. ۋاڭيى تەنتەربىيە تورىنىڭ10-ئاينىڭ8-كۈنىدىكى خەۋىرى:
بېيجىڭ ۋاقتى10-ئاينىڭ8-كۈنى سائەت2:30ئۆتكەندە ياۋۇرپا تەييارلىق مۇسابىقىسىنىڭ Aگۇرۇپپىدىكى تۈركىيە ۋە گىرمانىيە كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى باشلاندى،گىرمانىيە گومىس،مۇللېر ۋە توماسنىڭ كىرگۈزگەن توپلىرىغا تايىنىپ تۈركىيەنى 3:1نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ ياۋۇرپا تەييارلىق مۇسابىقىسىدە 9جەڭدە9مەيدان غەلبە قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسى ئەزالاردىن ئوزىل ۋە كىلوز ئاغرىق –سىلاق يارىدار سەۋەبى مەيدانغا چۈشمىدى،ئوزىلنىڭ ئورنىغا چۈشكىنى «گىرمانىيە مىسسى »دەپ نامى بار گوتزې بولدى،گومىس ھۇجۇمچى بىك سېپىگە چىقتى،ئۇندىن باشقا قادىرە كىروسنىڭ ئورنىغا چىقتى.مۇسابىقە باشلىنىپ 35مىنۇت بولغاندا گىرمانىيە كوماندىسىدىكى گومىس مەيداندا داۋاملاشقان قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىدى،66مىنۇت بولغاندا مۇللېر ۋارىتارغا 18مىتىر يىراقتىن بىر توپ ئۇرۇپ گېرمانىيە ئۈچۈن يەنە بىر نۇمۇر ئالدى.79مىنۇت بولغاندا تۈركىيە بىر توپ ئۇرۇپ نۇمۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى،بىراق تەڭلىشىشكە ئامالى بولمىدى،مۇسابىقە ئاخىرلاشقىلى4مىنۇت قالغاندا تۈركىيە گىرمانىيەگە جازا توپ پۇرسىتى بىرىپ قۇيۇپ ئاخىرىدا 3:1نەتىجە بىلەن يىڭىلىپ قالدى،بىراق تۈركىيە كوماندىسىنىڭ قۇشۇمچە مۇسابىقىگە كىرىش پۇرسىتى بار،ئۇندىن باشقا ئۇلار تېخى كىچىك گۇرۇپپىدىن شاللىنىپ كەتكىنى يوق.
سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى |