نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >

ئىران يەنە بىر يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرماقچى ئىكەن

يوللانغان ۋاقتى: 06:26 28-09-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
نىجاد ئىراننىڭ يەنە بىر يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرماقچى بولغانلىقى جاكارلىدى
فىرانسىيە يېڭى ئاگېنتلىقىنىڭ نيۇيوركتىن قىلغان خەۋىرى:
 ئىران زوڭتۇڭى ئەھمەد نىجاد مۇنداق دېگەن: بىز ھازىر روسىيە بىلەن يەنە بىر يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىۋاتىمىز.
بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا ئۇ:« بىز ھازىر روسىيە بىلەن يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.» دېگەن.ئۇ بۇ سۆھبەتنى « ھەرقانداق قارارنى چىقارغىلى بولىدۇ» دەپ تەسۋىرلىگەن.
غەرب دۆلەتلىرى ئىراننىڭ يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ئەيلىبمەكتە. كۆپ يىللاردىن بېرى ئىران خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنىنىڭ ئۇران قۇيۇلدۇرۇش ھەركىتىنى توختىتىش تەلىپىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەچكە، ب د ت ئۇدا تۆت قېتىم ئېمبارگو يۈرگۈزگەنىدى.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا روسىيە گېرمانىيەنىڭ قولىدىن يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزىۋالغان بولۇپ، مەزكۇر يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى مۇشۇ ئايدا تۇنجى قېتىم ئېلىكتىر تورى سېستىمىسىغا ئۇلانغانىدى.
ب د ت نىڭ يىغىنىدا سۆز قىلىشتىن بۇرۇن، نىجاد مۇنداق دېگەن:« ئەگەر غەرب ئىراننى تۆۋەن قۇيۇقلۇقتىكى ئۇران بىلەن تەمىنلىسە، ئۇ چاغدا ئىران ھازىرقى بۇ خىل خام ماتىرىيالنى ئىشلەپ چىقىرىشنى توختىتىدۇ. »تۆۋەن قۇيۇقلۇقتىكى ئۇران بولسا يادرو قورالى ياساشنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسىدۇر.
تۆنۈگۈن نىجاد « نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن:« ئەگەر ئۇلار مۇشۇ ھەپتە بىزگە %20 قۇيۇقلۇقتىكى ئۇران بەرسە، ئۇنداقتا بىز مۇشۇ ھەپتىلا دۆلەت ئىچىدىكى قۇيۇقلۇقى %20بولغان ئۇران ئىشلەپ چىقىرىشنى توختىتىمىز.»
بۇ قېتىمقى پوزىتسىيەدىن شۇنى بىلەلەيمىزكى، نىجاد خەلقئارا يادرو ئېنىرگىيىسى ئورگىنىنىڭ سالا قىلىشى ئارقىسىدا ھاسىل قىلىنغان يادرو يېقىلغۇسىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنماقچى.
فىرانسىيە يېڭى ئاگېنتلىقىنىڭ 23-چېسلا نيۇيوركتىن يوللىغان خەۋىرى : ئەھمەدى نىجاد بۈگۈن ش ئا ئە تنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى بىخەتەرلىكنىڭ تەھدىتى دەپ ئاتاپ، ئۇلارنىڭ دېڭىز قولتۇقى رايونىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.
شۇ كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا، دېڭىز قولتۇقىدا توقۇنۇش پارتىلاش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا سورالغاندا، نىجاد مۇنداق دېگەن:« ھەرقانداق توقۇنۇشنى توسالايدىغان، ياكى تۇقۇنۇش يوشۇرۇنغان ھەرقانداق ۋاستىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. مەن قارشى تۇرۇشنى ئورۇنسىز دەپ قارايمەن.» بۇ ئۇنىڭ نيۇيوركتا يىلدا بىرئۆتكۈزىلىدىغان ب د ت يىغىنى مەزگىلى ئىچىدە ئاچقان ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدۇر.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:« ئەمما مېنىڭچە، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى چەتئەل قىسىملىرىنىڭ پارس قولتۇقىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى دەپ قارايمەن. پارس قولتۇقى ش ئا ئە ت قىسىملىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا موھتاج ئەمەس.»

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى ئۆزلىرىنىڭ پارس قولتۇقىدىكى مەۋجۇدلۇقىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە. ئامېرىكىنىڭ بەھرەيندە بىر دېڭىز ئارمىيە بازىسى بولۇپ، فىرانسىيەمۇ 2009-يىلى ئىران دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسىگە 250كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان ئەبۇزەبىدە بىر دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇردى.

ياخشىكەن
(4)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر