نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >

ئايال ساقچى پويۇزنى توسۇپ قاتناش ۋەقەسىدىن ساقلاندى

يوللانغان ۋاقتى: 21:26 08-10-2011 مەنبە: جوڭشىن تورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
جۇڭشىن تورىنىڭ 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 7-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئەنگىلىيەدە


 

 جۇڭشىن تورىنىڭ 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 7-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئەنگىلىيەدە پەقەت ھوللىۋود كىنولىرىدىلا ئۇچراتقىلى بولىدىغان خەتەرلىك قۇتقۇزۇش ھەركىتى ئوينىلىپتۇ. ۋەقەنىڭ جەريانى مۇنداق بىر ئايال ساقچى تىك ئۇچاردا چارلاش ئېلىپ بېرىۋىتىپ بىر پويىزنىڭ پويىز يولىغا توختىتىلىپ قويۇلغان پىكاپقا قاراپ شىددەت بىلەن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ھەمدە تىز سۈرئەتتە تىك ئۇچارنى پەس ئۇچۇرۇپ پويىز خادىمىنىڭ پويىزنى توختىتىشىغا بۇيرۇق بېرىپ پويىزنى توختاتقان، شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان ئېغىر قاتناش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئايال ساقچى كاتىرىن چاپمەن پويىزنىڭ سائىتىگە 80.5 كىلومېتر سۈرئەت بىلەن پويىز يولىغا توختىتىلىپ قويۇلغان پىكاپقا قاراپ كېتىپ بارغانلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال تىك ئۇچار سۈرئىتىنى ئەسلىدىكى سۈرئەتنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە چىقارغان، ھەمدە 18 مېتر ئېگىزلىكتە پويىز بۇقىسىنىڭ ئالدىغا شۇڭغۇپ پەس ئۇچۇپ تىك يەرگە قونۇش چىرىقىنى ياندۇرۇپ پويىز خادىمىغا بەلگە بەرگەن. خەتەر بارلىقىنى ھېس قىلغان پويىز خادىمى دەرھال پويىزنى تورمۇزلاپ پىكاپكا 30 مېتر كېلىدىغان يەردە توختاتقان، شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان ئېغىر قاتناش ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئالغان.
بۇ ۋەقە پەقەت قىسقىغىنە بىر مىنۇت ئىچىدە يۈز بەرگەن.
51 ياشقا كىرگەن بۇ ئايال ساقچى بۇرۇن پويىز خادىمى بولغاچقا قانداق بەلگە ئارقىلىق پويىزنى توختىتىشنى بىلەتتى. سائىتىگە 80.5 كىلومېتىر سۈرئەت بىلەن مېڭىۋاتقان پويىزغا سائىتىگە 224.1 كىلومېتىر سۈرئەت بىلەن يېتىشىۋىلىپ بەلگە بېرىپ پويىزنى توختىتىش راستلا ئىنتايىن مۈشكۈل ئىشتۇر. 
يۇقىرىدا ئېيتىلغان پويىز يولىغا پىكاپىنى توختىتىپ قويغان 40 ياشلىق پىكاپ ئىگىسى ئەسلى پىكاپىنى ساقچىلاردىن ئېلىپ قېچىپ بەلگىلەنگەن جايغا توختاتماي پويىز يولىغا توختىتىپ قويۇپ قېچىپ كەتكەن ئىكەن. ساقچىلار ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇنى تۇتىۋالغان. ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە پىكاپ ئىگىسى قانۇنسىز دورىلارنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى پىكاپنى پويىز يولىغا توختىتىپ قويغان بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر