
كامالەتكە يەتكۈزگۈچى يۇمتال ئەتىرىتىنىڭ قۇرغۇچىسى چاڭ لې بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سىنا مىكرو بىلوگى ئارقىلىق شوخلازارلىق(番茄花园)نىڭ ياسىغۇچىسى خوڭ لىنىڭ تۈرمىدىن چىققانلىقىنى ھەمدە خىزمەت ئىزدەۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.خوڭ لىمۇ ئۇچۇر يوللاپ بۇنى دەلىللىدى.2009-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى شوخلازارلىق نامىدا Windows XPنى ئۆزگەرتكۈچى خوڭ لىغا 3يېرىم يىللىق سوت كېسىلگەن ھەمدە بىر مىليۇن يۈەن جەرىمانە قويۇلغانىدى.

خوڭ لىنىڭ توردىكى نامى لېي لېي بولۇپ ئۇ توردىك نامى «چوڭ شوخلا»بولغان يەنە بىرەيلەن بىلەن بىرلىكتە شوخلازارلىق نامىدا Windows XPنىڭ ئۆزگەرتىلگەن نەشىرىنى ئېلان قىلغان،ھەمدە شوخلازارلىق نامدا بىر يۇمتال چۈشۈرۈش بېكىتىنى ماڭدۇرغان .
2008-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى خوڭ لىنى ساقچىلار نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى تەرۈز قىلغان دەپ قاراپ تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرگەن ،بېكىتىنى تاقىغان،مۇزلازىمېتىر ۋە خاتىرە كومپيۇتېرىنى ئېلىپ كەتكەن.خوڭ لىغا تېخنىكىلىق ياردەم قىلغان چېڭدۇ خوڭگو پەن -تېخنىكا شىركىتىمۇ پىچەتلەنگەن.
دەل بىر يىلدىن كېيىن يەنى 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى خوڭ لى 3يېرىم يىللىق كېسىلگەن ۋە بىر مىلىيۇن يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.
سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى
|