
جەڭگىۋار ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىمى
نۆۋەتتە، لىۋىيە ئۇرۇشى تىركىشىش ھالىتىگە كىردى. قۇرۇقلۇق قىسىملىرىدىكى تالاپەتنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى لىۋىيەگە ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتىپ، شەرقتىكى بىر مەخپىي جايدا ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلىقلارنى ھەربىي مەشىق قىلدۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىمىنىڭ لىۋىيە ئۇرۇشىدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئېنىق بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىمى زادى قانداق قوشۇن؟
ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىمى 1952-يىلى قۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىدا بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىش ۋە پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇش ئىدى. 1983-يىلى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئالاھىدە ھەرىكەت 1-قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، ئامېرىكىدىكى بارلىق ئالاھىدە قىسىملارنى ماسلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا قوماندانلىق قىلىپ، پىسخولوگىيە ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇشقا مەسئۇل قىلغان. ۋىيېتنام ئۇرۇشى ۋە باشقا ھەربىي توقۇنۇشلاردىكى تەجرىبىلەر مۇشۇنداق قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بەلگىلىگەن.
1989-يىلى، ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت 1-قوماندانلىق ئىشتابى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئالاھىدە ھەرىكەت قوماندانلىق ئىشتابىغا ئۆزگەرتىلگەن. ئۇنىڭ ھەربىي ئىشتاتى 25 مىڭ 600 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مىڭ مۈلكىي مۇتەخەسسىس قوماندانلىق مەركىزىدە خىزمەت قىلىدۇ؛ 13 مىڭ 500 مۇنتىزم ئەسكىرى، مىللىي مۇھاپىزەت قىسىمىدا 3400 ئەسكىرى، زاپاس قىسىمدا 7700 ئەسكىرى بار.
ئۇنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى: قوماندانلىق ئىشتابى، ئالاھىدە ھەرىكەت قوماندانلىق ئىشتابى،يەتتە ئالاھىدە ھەرىكەت شۆبە ئەترىتىدىن تەركىب تاپقان قوماندانلىق ئىشتابى، يەرلىك مەمۇرىي تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە پىسخولوگىيەلىك ھەرىكەتلەرگە مەسئۇل قوماندانلىق ئىشتابى، 358-بىرىگاداسى، 96-باتالىيونى ۋە ئۈچ پىسخولوگىيەلىك ھەرىكەت گۇرۇپپىسى، 160-ئالاھىدە ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغان ھاۋا ئارمىيە پولكى، 75-ئالاھىدە ھەرىكەت پولكى، كىننېدى ئالاھىدە ئۇرۇش مەكتىپى ۋە مەركىزى، ئالاھىدە ھەرىكەتلەرگە كاپالەتلىك قىلىش قوماندانلىق ئىشتابى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىمى ئامېرىكا پۇقرالىرى ئىختىيارلىقى بىلەن قاتنىشىپ تەشكىللەنگەن. پەقەت سېرژانت ياكى 1-سېرژانت ھەربىي ئۇنۋانى بار ئەر ھەربىيلەرلا ئالاھىدە قىسىمنىڭ پىدائىي ئەسكىرى بولالايدۇ. ئۇنىڭ زۆرۈر شەرتلىرى: مۇددەتتىن ئاشۇرۇپ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە قوشۇلۇش، ئاخىرقى قېتىم ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن مەزگىلدە خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن بولۇش، ئارمىيەدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن ۋاقتى ئىككى يىلدىن كەم بولماسلىق، مەدەنىيەت سەۋىيەسى 12-يىللىق تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىق، مەخپىي ھۆججەتلەر بىلەن ئۇچرىشىش ھوقۇقى بولۇش، ئەقلىي ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قوبۇل قىلىنىدىغان نامزاتلار يەنە جىسمانىي كۈچ ۋە ئىقتىدار سىنىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. يەنى: ھەربىي فورما ۋە ئۆتۈك كىيىپ ۋاقىت ھېسابلىماي سۇدا 50 مېتىرغا ئۈزۈش؛ پۇت ۋە قولى بىلەن يەرنى تىرەپ ئىككى مىنۇت ئىچىدە 52 قېتىم يۇقىرى-تۆۋەن ھەرىكەتلىنىش؛ 62 قېتىم قۇرساق قاتلاش؛ تەنھەرىكەت كىيىمى كىيىپ، 14 مىنۇت 54 سېكۇنتتا 3.2 كىلومېتىرغا يۈگۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى تۈرلەر ئارىلىقىدا 2 مىنۇتتىن 10 مىنۇتقىچە دەم ئېلىش ۋاقتى بار.
پىدائىي ئەسكەرلەردىن ئۈچ ھەپتە سىناق ئېلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ئۇلارنىڭ ئەخلاقى، پىسخىكا ساپاسى ۋە ئەقلىي سەۋىيەسىدىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. كېيىنكى ئىككى ھەپتىدە، پىدائىي ئەسكەرلەر «پارتىزانلارنىڭ ئەسىرى» بولۇپ، دۈشمەن لاگېرىدا قانداق ھايات قېلىشنى مەشىق قىلىدۇ. ئىمتىھانلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتكەن پىدائىي ئەسكەرلەر ئالاھىدە قىسىم مەكتىپىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىغا كىرىپ ئۈگىنىش قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇلار مەخسۇس توختام تۈزۈپ، جەڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، يەر شارىدىكى ھەرقانداق جايغا پاراشۇت بىلەن سەكرەشكە ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىمى تۈرلۈك كەسىپلەردىكى ھەربىيلەرنى تەربىيەلەش ئۈچۈن،رازۋېدكىچىلار مەشىق كۇرسى، قارىغا ئېتىش ۋە قورال ئىشلىتىش مەشىقى كۇرسى، ئېغىر قوراللار مەشىق كۇرسى، ساپيورلار مەشىق كۇرسى، ئېلېكتىرونلۇق خەۋەرلىشىش ۋە تېببىي مۇتەخەسسىسلەر مەشىق كۇرسى قاتارلىق تۈرلۈك كۇرسلارنى تەسىس قىلغان. ئالاھىدە قىسىمدىكى پاراشۇتتىن سەكرەش ماھىرى ۋە 1-دەرىجىلىك غەۋۋاس دېگەندەك ئۇنۋانلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، كۇرسانتلار ئاساسلىق كەسىپلەرنى ئىگىلىگەندىن سىرت، يەنە ئۆز ئارزۇسى بويىچە تولۇقلىما مەشىقلەرنى قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يەنە ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى ئەزالىرى كۇرسى، چەت ئەل تىلى كۇرسى، جان ساقلاش كۇرسى، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قارىغا ئالغۇچىلىرى ۋە دىسپېتچىرلىرى كۇرسى، دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى مەرگەنلىرى كۇرسى، ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقىدا ئۇرۇش قىلىش كۇرسى ھەم ش ئا ئە ت غا ئەزا باشقا دۆلەتلەردىكى تۈرلۈك مەشىق كۇرسلىرىغا قاتنىشىشقا بولىدۇ. بارلىق كۇرسانتلار ئاۋۋال ئالاھىدە قىسىمنىڭ ئاساسىي مەشىقلىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. مەشىق ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ: بىرىنچى باسقۇچ ئاساسىي مەشىق بولۇپ 13 ھەپتە داۋاملىشىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچ بەش ھەپتە بولۇپ، بىر كىشىلىك ھەربىي تەلىم-تەربىيە سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كۇرسى ئۈچ ھەپتە، كىچىك شۆبە ئەترەت مەشىقى ئىككى ھەپتە داۋاملىشىدۇ. كېيىنكىسى ھەربىي مەشىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كۇرسى بولۇپ 12 ھەپتە داۋاملىشىدۇ.
ئالاھىدە ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىمى يەنە كەسپىي غەۋۋاس تەربىيەلەيدۇ. مەشىق كالفورنىيە ئىشتاتىدىكى كارونادودا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۈچ ھەپتە داۋاملىشىدۇ. بۇ كۇرسقا قاتناشماقچى بولغانلار چوقۇم جىسمانىي ئىقتىدار سىنىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. كۇرسانتلار سۇدا نەپەسلىنىدىغان ھەر خىل ئۈسكۈنىلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئىگىلىشى، دېڭىزدا كېچە-كۈندۈز سۇغا چۆكۈشنى مەشىق قىلىشى، تورپىدا قويۇپ بېرىش ئېغىزىدىن كىرىپ-چىقىش ماھارىتىنى ئىگىلىۋېلىشى كېرەك. كىچىك شۆبە ئەترەت ئەزالىرىنىڭ بەزىلىرى سۇ ئۈزۈش ماھىرى، بەزىلىرى ئۇستا غەۋۋاس، يەنە بەزىلىرى پاراشۇتتىن سەكرەش ماھىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى تۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، دۈشمەن ئارقا سېپىگە سىڭىپ كىرىشتىن ئىبارەت.
ئادەتتىكى ئوقۇتۇش پىروگراممىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، كۇرسانتلار ئالاھىدە قىسىمدا كېرەكلىك بولغان ئىككى-ئۈچ خىل ھەربىي كەسپىي ماھارەتنى ئىگىلىشى كېرەك. ھەر بىر كەسپنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇلار كىچىك شۆبە ئەترەتلەرگە بېرىپ، ئۈگەنگەن بىلىم ۋە ماھارەتلىرىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن كۇرسانتلار مەشىق مەركىزىگە بېرىپ، يەنە بىر خىل كەسىپ ئۈگىنىشنى ياكى باشقا قوشۇمچە مەشىق كۇرسلىرىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئالاھىدە قىسىمنىڭ ئوفىتسېرلىرى ھەر خىل مەشىق كۇرسلىرىدا 13 ھەپتە ئۈگىنىش قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مەشىق پىروگراممىسىنىڭ مەزمۇنى: ئالاھىدە ھەرىكەت تاكتىكىلىرىنى تەتقىق قىلىش، قورال-ياراغ ۋە تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، دۈشمەن دۆلەتنىڭ زېمىنىغا مەخپىي كىرىش ۋە چېكىنىپ چىقىش ۋاسىتىلىرى، ئالاھىدە كىچىك شۆبە ئەترەتنى قوراللاندۇرۇش ۋاسىتىلىرى، دوست دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئالاھىدە ھەرىكەتلەرنى پىلانلاش ۋە يولغا قويۇش، يەرلىك ئاھالىلەر ۋە دۈشمەن ئارمىيەسىگە پىسخولوگىيە ئۇرۇشى قوزغاشنى پىلانلاش ۋە يولغا قويۇش، ھەربىي قۇرۇلۇش مەشىقى ۋە خەۋەرلىشىش مەشىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئالاھىدە باتالىيونىنىڭ ھەربىي مەشىقى پۈتۈنلەي كۈچەيتىش مەشىقى پىروگراممىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، مەخسۇس كومىتېت بۇ باتالىيوننىڭ جەڭگىۋار كۈچ سەۋىيەسىنى ھەر پەسىلدە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. ئالاھىدە باتالىيوندىكى ھەربىيلەردىن ئورۇنداش تەلەپ قىلىنغان مەشىق پىروگراممىسىدىكى تەلەپلەر: ھەربىي فورما كىيىپ، قورال-ياراغ ئالماي، سۇدا 50 مېتىرغا ئۈزۈش؛ 25 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىنى كۆتۈرۈپ، 12 كىلومېتىر دائىرىدە كېچە-كۈندۈر ئۆز ئورنىنى بېكىتىش؛ ئىككىA16M تىپلىق مىلتىق ۋە 9M تىپلىق تاپانچا بىلەن ئوقنى قارىغا دەل تەگكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاندىن كېيىن، ھەر بىر ھەربىي ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، ئادەتتىكى قىسىملاردا تەلەپ قىلىنىدىغان 18 تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت سىنىقى ۋە ئالاھىدە قىسىمنىڭ مەشىق پىروگراممىسىدىكى توققۇز تۈرلۈك ۋەزىپىنى تاماملايدۇ.
ئالاھىدە قىسىم ھەربىي مەشىقىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى شۇكى، ئالاھىدە قىسىمنىڭ كىچىك شۆبە ئەترەتلىرى ھەر يىلى بىر ئاي ھەقىقىي جەڭ مانېۋىرى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار ئامېرىكا زېمىنىدا ياكى كىچىك شۆبە ئەترەت كەلگۈسىدە مەسئۇل بولىدىغان دۆلەت ۋە رايوندا پىراكتىكا قىلسىمۇ بولىدۇ.
30 كېچە-كۈندۈزلۈك ئۈگىنىش ۋە مەشىق باسقۇچىدا، كىچىك شۆبە ئەترەتنىڭ بەزى ئەزالىرى پۇقراچە كىيىنىپ، ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغان رايونغا كېلىپ، تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشى كېرەك.
بۇ ۋاقىتتا كىچىك شۆبە ئەترەت تۆۋەندىكى ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇۋالىدۇ، يەنى: ئۇلار ھەرىكەت قىلىدىغان رايوننىڭ يەر شەكلىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىدۇ؛ ئۆز ئەزالىرىنى يىغىدىغان ھەم پاراشۇتتىن سەكرەيدىغان ئاساسلىق ۋە زاپاس جاي ئىزدەيدۇ؛ قورال-ياراغ، ئوق-دورا ۋە ئوزۇق-تۈلۈكلىرىنى مەخپىي جايغا يوشۇرىدۇ؛ بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان نىشانلار ھەم بۇ نىشانلار ۋە ئۇلارنى قوغداش سىستېمىسىغا قانداق يېقىنلىشىشنى تەتقىق قىلىدۇ؛ ھۇجۇم قىلىدىغان نىشانغا كىرىپ-چىقىدىغان يول ھەم ئۆزلىرىنىڭ تۇرار جايىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى بېكىتىدۇ؛ يەرلىك شېرىكلىرىنى ئىزدەپ، يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، يوشۇرۇنچە ئۆي ئىجارىگە ئالىدۇ (ئۆي ئىگىسى ئۇلارنىڭ ئۆينى نېمە مەقسەتتە ئىجارىگە ئالغانلىقىنى بىلمەسلىكى كېرەك)؛ نىشانغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ياردەملىشىدىغان خادىملار بىلەن تونۇشۇپ، يەرلىكتىن ئاخبارات خادىمى قوبۇل قىلىپ، قاتناش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.
ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا، ياخشى مەشىقلەنگەن بىر كىچىك شۆبە ئەترەتنىڭ يۇقىرىقى ۋەزىپىنى ئورۇندىشىغا ئۈچ ھەپتە ۋاقىت كېتىدۇ. ھەربىيلەر بىئولوگ، گېئولوگ ۋە قۇش مۇتەخەسسىسى سىياقىغا كىرىۋېلىشنى ئۈگىنىۋېلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ئۇلار ئاندىن ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان رايوندا ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدۇ.
|