خاكىرلار 24-چىسلا ئامېرىكا تورلىرىغا ھۇجۇم قوزغايدىكەن
يوللانغان ۋاقتى: 22:01 22-09-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
قەستكارلار تەشكىلاتى 24-چىسلا ئامېرىكا تورلىرىغا ھۇجۇم قوزغايدىكەن

ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى TechCrunchخەۋەر قىلىشىچە داڭلىق قەستكارلار تەشكىلاتى «نامسىزلار(Anonymous)»چارشەنبە كۈنى ئۆزلىرىنىڭ 24-چىسلا ئامېرىكا تورلىرىغا يېڭى بىر قاتار ھۇجۇملارنى قوزغايىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.نامسىزلار ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئېيتىشىچە ،ئۇلار ۋە باشقا تور ئەركىنلىكى تەشكىلاتلىرى پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە «تىنىچ ھەم كۈچلۈك »بولغان نارازىلىقى بىلدۈرىدىكەن.نامسىزلار 9-ئاينىڭ 24-كۈنىنى پۈتۈن مەملىكەت بويچە «ئۆچ ئېلىش كۈنى(Day Of Vengence)»قىلىپ بېكىتكەن،شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنلەردە ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە بىر قاتار تور ھۇجۇمى قوزغايدىكەن،نىشانى ناھايىتى كەڭىرى بولۇپ ۋول كوچىسى ،چېرىك پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى،نىيۇيورك ساقچى ئىدارىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
نامسىزلار يەنە تۋىتتىردا @PLF2012ناملىق ھېساباتنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى ھەمدە بۇ ھېسابات ئارقىلىق شۇ كۈندىكى تور ھۇجۇمى جەريانىنى خەۋەر قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى
|
------分隔线----------------------------