نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >

دۇنيا ئالتۇن بازىرىدىكى يېقىنقى ئۆزگىچە يىڭىلىقلار

يوللانغان ۋاقتى: 17:40 02-09-2011 مەنبە: كۆكلەن بىز تورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
8-ئاينىڭ 23-كۈنى سەيشەنبە ئالتۇن ئۈچۈن يىڭى نوقتا يارىتىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇرغان كۈن بولغان بولسا شۇن

 8-ئاينىڭ 23-كۈنى  سەيشەنبە ئالتۇن ئۈچۈن يىڭى نوقتا يارىتىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇرغان كۈن بولغان بولسا شۇنىڭغا ئۇلاپلا يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنى نادامەتتە بازارغا ئېسىلدۇرۇپ قويغان بىر كۈن بولدى. ئالتۇن شۇ كۈنى  تاڭ سەھەردە ئەڭ ئاخىرقى چۇققا نوقتا 1912 دوللارلىق باھانى يارىتىپ كىشىلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى نوقتىلارغا مېڭىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرگەن بولسا ئۇلاپلا شۇ كۈنى تەڭ كىچىدە 1823 دوللارغا چۈشۈپ  كۈنلۈك چۈشۈش  نىسپىتى 89 دوللار يەنى  خەلق پۇلى بۇيىچە بىر كۈندە ھەر گىرامىدا 18 يۈەن چۈشۈپ كەتتى. ئۇلاپلا 1854 دوللارغا قاڭقىپ چىققان ئالتۇن يەنە كەچتە فونىستىرلىڭ، ياۋرۇ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ناچار ئېلان  قىلىنىشى، ئامرىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ياخشى ئېلان قىلىنىشى، ۋە باشقا نۇرغۇن خەلىقئارالىق ئىقتىسادى تەدبىر ئۆزگىرىشلەر بىلەن يەنە 105 دوللار چۈشۈپ 1750 دوللارغا كەلدى، مانا بۈگۈن يەنە تۆۋەنگە قارىتا ھەركەتنى باشلاپ تۆۋەنگە قارىتا يىڭى نوقتا 1729 نى ياراتتى.  شۇنىڭ بىلەن ئالتۇننىڭ چۈشۈشى 3 كۈن ئىچىدە 200 دوللارغا (ھەر گىرامىدا 41يۈەنگە توغرا كىلىدۇ) يېقىنلاشتى.  قاراپ باقساق بۇنداق چۈشۈش 2009-يىلى 12-ئايدىن 2010-يىلى 2-ئايغىچە 44 كۈندە كۆرۈلگەن. بىراق بۇ قېتىم پەقەت 3 كۈندىلا كۆرۈلدى. ھازىر ھالقىلىق تايانىچ نوقتا 1723 دوللارلىق باھا رايۇنىغا قىستاپ كەلمەكتە.

ئالتۇن بازىرىنىڭ كۈچلۈك ھالىتىنىڭ بۇنداق تىزلا ئاجىزلىققا قاراپ ئۆزگىرىشى ئالتۇننىڭ بۇندىن كىيىن ئەمدى ئۆسمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. چۈنكى بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق تەڭشىلىشلەر بولغان ۋە كىيىن داۋاملىق ئۈسۈپ ھازىرقىدەك تارىخى نوقتىلارنى ياراتقان. بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، بىز دائىم خەتەر ئۈسۈشتىن پۇرسەت چۈشۈشتىن كىلىدۇ دەپ كىلىۋاتىمىز. قانچە يۇقىرلىغانسىرى تەھللىلەردە زىياننى قاتتىق كونتىرول قىلىشنى تەكىتلەپ كىلىۋاتىمىز، بۇنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇنداق ئىنسانلارنىڭ بىر نەرسىگە زىيادە قىزىقىشى ۋە تالىشىشى نەتىجىسىدە ئۇنى ئۆز قىممىتىدىن زىيادە ئۆستۈرۋىتىدىغان خفرەكتىرنىڭ نەتىجىسى ئىدى. مۇشۇنداق قىممىتىدىن ھەسسىلەپ  ئۈسۈپ كەتكەن بازارنىڭ كۈپۈك بازار ھىساپلىنىدىغانلىقى ۋە تۇلىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدىن بولغان ئىدى. چۈنكى بۇرۇنمۇ پاي بازىرىدا ئۆز قىممىتىدىن نەچچە ئون ھەتتا نەچچە يۈز ھەسسە ئۈسۈپ كەتكەن كۈپۈك پايلار بارلىققا كەلگەن، پاي كۆرسەتكۈچىمۇ مۇشۇنداق تىك ھالەتتە 6000دىن ئېشىپ كەتكەن، كىيىن ھەممە نەرسىنىڭ ھامان ئۆز قىممىتىغا لايىق بۇلۇشىدەك قانۇنىيەت بىلەن  تەتۈر  V شەكىللىك  چۈشۈپ ئۆزى ئۈسۈشكە باشلىغان دەسلەپكى نوقتىلارغا كەلگەن ئىدى.

بىر ھەپتە ئاۋۋال ئالتۇن 1800 دوللارغا چىققاندا بىر ماتىرىيالدا داڭلىق مەبلەغ سالغۇچى سولوسنىڭ ئالتۇن فوندىدىكى بارلىق ئالتۇننى قولدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم، ئۇنىڭ كۆز قارىشى ئالتۇن زىيادە كۆپۈك بازار ھالىتىگە كىلىپ قالدى دەپ قارايدىكەن. دىمەك يەنىلا ئۇنىڭ ھۆكۈمى توغرا چىقتى.

ئالتۇن ئۈچۈن يىڭى تارىخى نوقتا يارىتىش يەنە ھامان يۈز بىرىدىغان ئىش بولسىمۇ، زىياندە تىز سۈرەتلىك بازار ھالىتىدىن چىقىپ كىتىشى بىر مەزگىل يىڭى نوقتا يارىتىشتىن ۋاقىتلىق توختىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا ئالتۇن بازىرىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارغا تەكىتلەيدىغىنىمىز يەنىلا زىيان نوقتىنى ئۆزىمىز قۇبۇل قىلالايدىغان دائىرىدە بەلگىلەپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن سودا قىلىش ئاقىلانە تاللاش.

بىز داۋاملىق خەلقئارادىكى چوڭ ئالتۇن فوندىلىرى ۋە ئالتۇن زاپاس مىقدارى يۇقىرى بولغان ياۋرۇپا ئامرىكا دۆلەتلىرىنىڭ ئالتۇن زاپاس مىقدارىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىكى يىڭى تەدبىرلىرى بارمۇ يوق قاتارلىقلارغا كۆز يۈگۈرتىۋەتكەندىن كىيىن، كىيىنكى سودىلىرىمىزنى ئورۇنلاشتۇرساق بۇلىدۇ.


 مەنبە  ئادرىسى :  http://www.koklan.biz/?p=524

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر