مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يېقىندا ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، شىنجاڭدىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشقان بارلىق خادىمنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئايلىق ئەمەلىي ئىش ئورنى تولۇقلىما ئۆلچىمى مىڭ يۈەنگە يەتمىگەن ئەھۋالدىن ئېيىغا ھەر بىر ئادەمگە مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن، بۇ سىياسەت-پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشقان يۈز مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى نەپكە ئىگە قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىدىن 41 مىڭ 287سى بار ئىكەن. بۇلتۇر 5-ئايدا، شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنىڭ ئەزالىرىنى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىينىلىپ قالغان ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردىمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، ئارقىدىن، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنى تولۇقلىما ئۆلچىمىنى تەڭشەشنى قارار قىلدى. مەلۇماتقا قارىغاندا، نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان ھەر بىر كىشى ئېيىغا ئوتتۇرىچە 860 يۈەن 76 پۇڭ ئالىدىكەن، مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىكەن. مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |