نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >

بىر تور بېكەت ئەسەرھوقۇقى قىلمىشى بىلەن ئەيىپلەندى

يوللانغان ۋاقتى: 16:43 02-09-2011 مەنبە: ئۇيغۇررادىئوتورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
شىنجاڭدىكى بىر تور بېكىتىنىڭ باشقىلارنىڭ فوتو سۈرەت ئەسىرىنى خالىغانچە ئىشلىتىش قىلمىشى ئەيىبلەندى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، «شىنجاڭ تويلىشىش تورى» ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا ئىگە فوتو سۈرەت ئەسىرىنى ئىجازەت ئالماي خالىغانچە ئىشلەتتى دەپ قارالغانلىقتىن، شاڭخەي «گوڭخې» مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى يېقىندا، مەزكۇر تور بېكىتى قاراشلىق ئۈرۈمچى «شىنخۇا ديەنجى» مەسلىھەت بېرىش چەكلىك شىركىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان.
سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن، «گوڭخې» شىركىتى ئەرزىنى قايتۇرۇۋالدى، ئىككى تەرەپ كېلىشىم تۈزۈپ، «شىنجاڭ تويلىشىش تورى» دېلوغا چېتىشلىق سەككىز سۈرەتنى ئۆچۈرۈۋېتىدىغان ھەم دەۋاگەرگە 5000 يۈەن تۆلەم تۆلەيدىغان بولۇپ كېلىشتى.
دەۋاگەرنىڭ ۋاكالەتچى ئادۋوكاتى مۇنداق دېدى: 2009-يىلى 26-سېنتەبىر، «گوڭخې» شىركىتى زور مەبلەغ سېلىپ، كىنو چولپىنى فەن بىڭبىڭ بىلەن خۇاڭ شاۋچىنى مەھسۇلات ۋاكالەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىپ، بىر يۈرۈش سۈرەت تارتقان ھەم قانۇن بويىچە بۇ سۈرەتلەرنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ئەمما بۇ يىلنىڭ بېشىدا، «گوڭخې» شىركىتى «شىنخۇا ديەنجى» شىركىتىنىڭ ئىجازەت ئالمايلا ئۆز تور بېكىتى «شىنجاڭ تويلىشىش تورى»دا يۇقىرىقى فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدىن سەككىز پارچىنى خالىغانچە ئىشلەتكەنلىكىنى سەزگەن. 22 - مارت، «گوڭخې» شىركىتى شاڭخەي جامائەت گۇۋاھلىقى ئورنىدىن دەلىل-ئىسپات گۇۋاھلىقىنى ئىلتىماس قىلىپ بېجىرگەن. «گوڭخې» شىركىتى جاۋابكارنىڭ قىلمىشىدىن فوتو سۈرەت ئەسەر ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە چېقىلىش قىلمىشى شەكىللەندى ھەم «گوڭخې» شىركىتىگە ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كەلدى دەپ قاراپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، جاۋابكارنىڭ دېلوغا چېتىشلىق فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ئىشلىتىشىنى دەرھال توختىتىش، مۇلازىمىتېردا ساقلانغان ھوقۇققا چېقىلغان ئەسەر مەنبەسىنى دەرھال ئۆچۈرۈش ھەم ئىقتىسادىي زىيان ئۈچۈن 15 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
سوتتا قاراپ چىقىلغاندا، «شىنخۇا ديەنجى» شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ۋەكىلى مۇنداق دېدى: تور بېكىتىمىزدىكى دېلوغا چېتىشلىق فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى باشقا تور بېكەتلىرىنىڭ خەۋەر بەتلىرىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىنغان. كۆچۈرۈپ ئېلىنغاندا، بۇ خەۋەردە ئىشلىتىلگەن سۈرەتلەرنىڭ «گوڭخې» شىركىتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلمەپتۇق، سۈرەت ئىزاھاتىغىمۇ كۆچۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، دېگەن خەتلەر يېزىلمىغانىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز بۇ خەۋەر ۋە ئۇنىڭدىكى سۈرەتلەرنى كۆچۈرۈپ ئالغاندا ئۇنى ھېچقانداق سودا غەرىزى ئۈچۈن ئىشلەتمىدۇق ھەم ئۇنىڭدىن پايدا ئالمىدۇق، بۇنىڭدىن دەۋاگەرنىڭ ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا بۇنىڭدىن ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى شەكىللەنمەيدۇ.
«گوڭخې» شىركىتىنىڭ ۋاكالەتچى ئادۋوكاتى بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېدى: دېلوغا چېتىشلىق سۈرەت توي مۇراسىم كىيىمى مەھسۇلاتىغا ۋاكالەتلىك قىلىدۇ، «شىنجاڭ تويلىشىش تورى» بۇ سۈرەتلەرنى ئۆزىنىڭ تور پونكىتىدا خالىغانچە ئىشلەتكەن ھەم ئۇنى توي مۇراسىم كىيىمى تىزىملىكىدە نامايان قىلغان، يەنە تېخى خېرىدارلارنى QQدا مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن، بۇنداق پايدا خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت تىجارەت مەقسىتىنى تولۇق دەلىللەيدۇ، بۇنىڭدىن ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى شەكىللىنىدۇ.

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر