نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >

جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى

يوللانغان ۋاقتى: 16:35 02-09-2011 مەنبە: ئۇيغۇررادىئوتورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى خەلقئارا يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى


جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-سېنتەبىر خەۋىرى: (ئۆز مۇخبىرىمىز گۈلرىز سۈرئەت)
 
 
جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 1-سېنتەبىر ئۈرۈمچى خەلقئارا يەرمەنكە مەركىزىدە بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا يەرمەنكىسى ئىلگىرىكى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ داۋامى شۇنداقلا يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرىغا ئۆرلىشى ھېسابلىنىدۇ شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىكى كۆلىمى ئەڭ زور يەرمەنكىلەرنىڭ بىرى.
 
يىغىنغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ قېتىملىق يىغىنغا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ، پاكىستان پىرېزىدېنتى زەردارى، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئوتۇنبايىۋا، ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سالىف، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئىساقوف، ۋىنگرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى مايكىس، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمايىل تىلىۋالدى، شياڭگاڭ ئاۋىن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باشلىقلىرى، 33 دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىرى ۋە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر قايسى ساھەدىكى دوستلار قاتناشتى. ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن سۆز قىلدى، ئۇ بۇ قېتىملىق يەرمەنكىنىڭ شىنجاڭ بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتتىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئاندىن بۇ قېتىملىق يەرمەنكىنىڭ ھەيئەت مۇدىرى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرى چىڭ دېمىڭ سۆز قىلىپ بۇ قېتىمقى يەرمەنكىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىدا ھالقىلىق رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بۇ قېتىملىق يەرمەنكىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
 
 
پاكىستان پىرېزىدېنتى زەردائى يەرمەنكە زالىدا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر