ئامېرىكا پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ بايقىشىچە ، ھەر كۈنى بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرسە ، جىگەر قېتىشىش يۈز بېرىشنىڭ نىسبىتىنى %22 تۆۋەنلىتىشكە بولىدىكەن . شۋېتسىيەنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، ھەر كۈنى ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرسە ، جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %43 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن .
مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە ، قەھۋە جىگەرنى ئاسرايدۇ دەپ كۆپ ئىچىشكە بولمايدىكەن . چۈنكى قەھۋەدە كوففىئىن كۆپ بولغانلىقتىن كالتىسىينى چىقىرىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئوڭايلا سۆڭەك شالاڭشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . بولۇپمۇ كىلىماكتېرىيە (ھەيز كېسىلىش) دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان ئاياللار تېخىمۇ ئېھتىياتجان بولۇشى كېرەككەن . ئۇنىڭدىن باشقا كوففىئېن ماددىلارنى جىگەر ئارقىلىق ئاجرىتىدىغانلاردىن بىرى . لىكىن جىگەر ئىقتىدارى ساغلام بولمىغانلاردا كوففىئېننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىتقدارى يەنىلا ئاجىز بولىدىكەن . شۇڭا قەھۋەنى كۆپ ئىچكەندە يۈرەك رېتىمى تەرتىپسىزلىشىدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلدار ئاياللار ، ياشانغان ئاياللار ، ئېغىر ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ، يۇقىرى قان بېسىمى ، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى ، ئارتېرىيە قېتىشىش ، راك كېسەللىكى ۋە ۋىتامىن B1 كەمچىل بولغانلارنىڭ قەھۋە ئىچىشى مۇۋاپىق ئەمەس .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.