ئالامىتى: چوڭ تەرەت گۆش يۇغان سۇدەك ئاغرىقسىز كېلىدۇ. بۇ قاندىن بولغان جىگەر مەنبەلىك ئىچى سۈرۈشنىڭ ئالامىتىدۇر.
سەپرانىڭ جىگەردە كۆيۈشى نەتىجىسىدىن تەرەت سېرىققا مايىل، بەزىدە قان ئارىلاش كېلىدۇ.
جىگەردە يەلنىڭ كۆپلۈكىدىن ماددىلارنىڭ ئۈچەيگە تۈگۈلىشى سەۋەبىدىن بولسا تەرەتنىڭ رەڭگى بىر نەرسىنىڭ پېسىپىگە ئوخشاش كۆپ ھەم كۆپۈكلۈك كېلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
سەۋەبى: جىگەردە ماددىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن ماسارىقا ئارقىلىق جىگەرگە بارغان ماددىلارنى ئۈچەيگە ھەيدىۋەتكەندىن، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۈچەيگە كۆپ بېرىپ قالغانلىقىدىن، ماسارىقا تومۇرىغا يەللىك توسالغۇ پەيدا بولغاندىن بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.