مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1343 رەت   / مەنبە: -

1)ساپ ھاۋالىق جايدا ياشاش لازىم. چۈنكى ئىنسان ساپ ھاۋا بىلەن نەپەس ئېلىپ بەدەندىكى مادا ئالمىشىش جەريانىدا ھاسىل بولغان بۇزۇق ماددىلارنى نەپەس ئارقىلىق سىرتقا چىقارغاندىلا ئاندىن قان ساغلام تۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق جىگەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسرىغىلى بولىدۇ. 

2)  ئۇزۇقلۇق جەھەتتە بەك چۈچۈمەل، مايلىق نەرسىلەرنى بىر قېتىمدىلا كۆپ يېمەسلىك، ھاراققا ئوخشاش زەھەرلىك ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە قالايمىقان ئوزۇقلانماسلىق، بۇزۇلغان يېمەكلىكلەرنى ۋە سۇلارنى ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. 

3) نورمال جىسمانىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش لازىم. چۈنكى جىسمانىي ھەرىكەت تەبىئىي ھارارەتنى كۈچەيتىدۇ. تەبىئىي ھارارەت (ئىسسىقلىق) بولمىسا جىگەردە ماددىلارنىڭ ھاسىل بولۇشى، بەدەننى ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلىشى يېتەرلىك بولماي جىگەر خىزمىتىگە تەسىر يېتىدۇ. 

4) جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلار بىلەن يېتىپ-قوپۇش، تاماق، تۇرمۇش، جىنسىي مۇئامىلە، تەرەتخانا، يېقىن تۇرۇپ سۆزلەش قاتارلىق جەھەتلەردە تېببىي خادىملار ۋە باشقا كىشىلەر بىردەك دىققەت قىلىشى، كېسەل ساقايغۇچە كېسەللەرنى ساق كىشىلەردىن ئايرىش، كېسەللەرنىمۇ تۈرى بويىچە ئايرىش لازىم. 

5) بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى كۈچىنى ئاشۇرۇش لازىم. چۈنكى بۇ كېسەل ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلارغاتېز يۇقىدۇ. 

6) جىگەر ياللۇغىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەربىر كىشى تاماق يەيدىغان ۋاقىتتا قاچا قۇچا، چوكا، قوشۇقلارنى قايناق سۇ بىلەن يۇيۇپ يېيىش، بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ يوتقان-كۆرپىسىدە ياتماسلىق، لۆڭە، سوپۇن، چىش چوتكىسى قاتارلىق بىر كىشىنىڭ ئىشلەتكەن تۇرمۇش بۇيۇمىنى يەنە بىر كىشى ئىشلەتمەسلىك لازىم. مۇمكىنقەدەر قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىك، ھەر قېتىملىق تاماقتىن بۇرۇن قولنى سوپۇنلاپ يۇيۇش لازىم. 

7) داۋالاش جەھەتتە چوقۇم دىئاگنوز مۇقىمداپ بولغاندىن كېيىن دورا ئىشلىتىش كېرەك. ئەگەر بەلغەمدىن (ھۆل سوغۇقتىن) بولغان زۇكامغا بىنەپشە، چىلان، ئەينۇلا، قارائۆرۈككە ئوخشاش دورىلار بېرىلىپ قالسا قاننى بىراقلا سوۋۇتۇپ بەلغەمدىن بولغان جىگەر ياللۇغى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. سەپرادىن بولغان زۇكامغا بەرشىشە بېرىلسە قاننى كۆيدۈرۈپ جىگەردە سەۋدائىي ئىششىق پەيدا قىلىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.