جىگەر قاپلىق قۇرتى ئىت باقىدىغان ئائىلىلەردە ياشىغۇچىلار ياكى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ياشىغۇچىلاردا يۈز بېرىدىغان، بىماردا ئاساسلىقى ئوڭ تەرەپ يۇقىرىقى قورساق قىسمى چىڭقىلىپ ئاغرىش، سېرىقلىق، قورساققا سۇ چۈشۈش، تال چوڭىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان، ئاقىۋىتى بىرقەدەر خەتەرلىك بولغان بىرخىل يۇقۇملۇق كېسەللىكتىن ئىبارەت، بۇ خىل كېسەللىك دۇنيا خفراكتېرلىك بولۇپ، ئېلىمىزدە ئاساسەن چارۋىچىلىق رايونلىرىدا، چارۋىچىلاردا پەيدا بولۇش نىسپىتى ئەڭ يۇقىرى، بالىلار ئىتلار بىلەن ئويناشنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئۇلارغا بۇ خىل كېسەللىكنىڭ يۇقۇش پۇرسىتى بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ.
سەۋەبى: ئاساسەن ئىتلاردا بولىدىغان قاپلىق قۇرت تۇخۇمى بىلەن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ. ئىت مەزكۇر كېسەللىكنىڭ ئاساسىي يۇقۇش مەنبەسى بولۇپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئىچىدە بۆرە، يىلپىز، تۈلكە قاتارلىقلارمۇ يۇقۇش مەنبەسى بولىدۇ. ئادەملەر ئىت بىلەن قويۇق ئۇچراشسا، قول تىرناقلىرى قۇرت تۇخۇمى بىلەن بۇلغىنىدۇ ياكى قۇرت تۇخۇمى كۆكتات، سۇ مەنبەلىرىنى بۇلغاپ ئېغىز ئارقىلىق يۇقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چاڭ-توزان ئىچىدىكى قۇرت تۇخۇملىرى شامالغا ئەگىشىپ، تۆت ئەتراپقا تارقىلىپ نەپەس يوللىرى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ، قۇرت تۇخۇمى ئادەملەر تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغاندىن كېيىن ئاشقازان-ئۈچەي سۇيۇقلۇقىنىڭ تەسىرى ئاستىدا لىچىنكا قېپىنى يېرىپ سىرتقا چىقىپ ئىنچىكە ئۈچەي دىۋارىنى تېشىپ كىرىپ ئۈچەي بېغىشلىرى ئارقىلىق ئۇششاق ۋېنادىن قاپقا ۋىناسىغا يېتىپ بارىدۇ، زور كۆپچىلىكى جىگەردە توسۇلۇپ قېلىش بىلەن جىگەردە قۇرت پەيدا قىلىدۇ.
ئالامىتى:
يوشۇرۇن مەزگىلى ئادەتتە 5-30 يىلغىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. دەسلەپكى مەزگىللەردە بىماردا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ. تاسادىبىي ئەھۋاللاردا ئوڭ تەرەپ يۇقىرىقى قورساق قىسمىدا مونەكچە بارلىقى بىلىنىدۇ ياكى ئاغرىپ ئۆلگۈچىنىڭ جەسەتلىرىنى تەكشۈرگەندە تاسادىپىي ئۇچرايدۇ، قاپلىق قۇرت خالتىسى چوڭىيىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، قورساقنىڭ يۇقىرى قىسمى چىڭقىلىپ يوشۇرۇن ئاغرىپ يېقىمسىزلىنىدۇ ياكى ئەتراپتىكى توقۇلمىلارنى بېسىپ بەزىبىر ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. يەنى جىگەر ئۇچىدىكى قاپلىق قۇرت خالتىلىق ئىششىقى دىيافراگمىنى كۆتۈرۈۈپ ئۆپكىنى سىقىپ نەپەسلىنىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ، جىگەر ئىچىدىكى قاپلىق قۇرت خالتىلىق ئىششىقى جىگەر ئىچىدىكى ئۆت نەيچىلىرىنى بېسىپ ئۆت يوللىرىنى بۇزۇپ كىرسە مۇجۇپ ئاغرىش، توڭلاش، قىزىش، سېرىقلىق چۈشۈشلەر كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكى كاۋاك ۋىنا ۋە قاپقا ۋېنانى بېسىپ تۆۋەنكى مۈچىدە سۇلۇق ئىششىق قورساققا سۇ چۈشۈش، تال چوڭىيىشنى پەيدا قىلىدۇ، جىگەر ئاستىدىكى قاپلىق قۇرت خالتىلىق ئىششىقى ئاشقازان، ئۈچەي يولىرىنى بېسىپ كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، قورساق ئېسىلىشنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بىمارنىڭ تېرىلىرى قىچىشىدۇ، تېرىسىگە يەلتاشما ئۆرلەيدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: جىگەر قاپلىق قۇرتىنى داۋالاشتا ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىدىغان دورا يوق، شۇڭا ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل يەنىلا ئوپىراتسىيە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالاشتىن ئىبارەت، ئادەتتىكى دورىلار پەقەت ۋاقىتلىق ۋە قىسمەن ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن جىگەر قاپلىق قۇرتى گۇمان بار دەپ قىلىنىغان بىمارلارنىڭ دىياگنوزىنى ئېنىقلاش ھەمدە ئۇلارنى ئۆز ۋاقتىدا داۋالاش ئۈچۈن كېچىكتۈرمەي تېزدىن داۋالاش ئورۇنلىرىغا يوللاپ بېرىش لازىم.
ئالدىنى ئېلىش:
تازىلىق تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، سۇ مەنبەسىنى ئاسراش، قاينىتىلمىغان سۇنى ئىچمەسلىك، پىشۇرۇلمىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك لازىم.
ئائىلىدىكى ھايۋانلاردا بولىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى تەكشۈرتۈش، ئائىلە ھايۋانلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن قولنى پاكىز يۇيۇش لازىم.
ئۆلگەن ھايۋانلارنى چوڭقۇر كۆمىۋېتىش، خام قوي جىگىرى يېمەسلىك لازىم.
ئوزۇقلۇق جەھەتتە:
ئاسان سىڭىدىغان، قۇۋۋىتى يۇقىرى غىزالار بىلەن ئوزۇقلىنىش، ئىمكانقەدەر پىشمىغان مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنى يېيىشتىن، بۇلغانغان سۇلارنى ئىچىشتىن، قوي جىگىرىنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.