مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 780 رەت   / مەنبە: -

ئالامىتى: يارقان سېرىق، قارا، سېرىق بىلەن قارىنىڭ بىرلىشىشىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولۇپ، يارقاندا پۈتۈن بەدەن سارغىيىش، باش ئاغرىش، كۆپ ئۇسساش، قىزىتما بولۇش، بەدەن قىچىشىش، قۇرۇق ھۆ بولۇش، قورساق ئېسىلىش، يۈرەك ھەرىكىتى تېز بولۇش، سۈيدۈك سېرىق بولۇش، تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك، ئۇيقۇسى كەلمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ ھەمدە جىگەردە ئېچىشىش بولىدۇ. 

سەۋەبى: جىگەر بىلەن ئۆت ئوتتۇرىسىدىكى تومۇرغا توسالغۇ چۈشكەندىن ياكى ئۆت ئىششىغان، ئۆتتە تاش پەيدا بولغان سەۋەبتىن سەپرانى ئۆت قوبۇل قىلمىغاندىن ياكى جىگەردىن ئۆتكە سەپرا بارىدىغان تومۇر تارايغان ياكى سەپرا خىلىتى قويۇلۇپ ئۆتكە بارالماي قانغا تارىلىپ كەتكەنلىكتىن پەيدا بولىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.