سەۋەبى: ئۆتكۈر غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە بولغان پىلپىل، كاۋاۋىچىن، ئاقىرقەرھا، پارپىغا ئوخشاش دورىلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن، ئۇنىڭدىن باشقا جىگەر مىزاجىنىڭ ئەھۋالىغا قارىماي قالايمىقان دورا ئىستېمال قىلىش، مەسىلەن ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى، سوغۇق مىزاج كىشىلەر سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن پەيدا بولىدۇ.
ئالامىتى: ئىسسىق مىزاج كىشىلەر ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى ئىستېمال قىلغان بولسا، جىگەر ساھەسىدە ئاغرىش ئېچىشىش، كۆپ ئۇسساش، تىلى قۇرۇپ ئېچىشىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. سوغۇق مىزاج كىشىلەر سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن بولغان بولسا، جىگەر ساھەسىدە ئېغىرلىق ھەم تېلىپ ئاغرىش بىلەن باش چىڭقىلىپ پۈتۈن بەدەن تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.