جىگەر مىزاجى ئىسسىق بولسا، ئۇنىڭ ئالامىتى ئۇسسۇزلۇق كۆپ، ئىشتىھاسى كەم بولۇش، قىزىقلىق بولۇش، سۈيدۈكنىڭ سامان رەڭ بولۇشى، چىراينىڭ سېرىق ياكى قىزىل بولۇشى، تومۇرنىڭ ئىنچىكە، تېز سېلىشى، كۈچلۈك، توم سوقۇشى، تىلنىڭ قىزىل ياكى سېرىق بولۇشىدۇر.
جىگەر مىزاجى سوغۇق بولسا، ئۇنىڭ ئالامىتى: چىراي، لەۋلىرى، تىلى ئاق بولۇش، ئۇسسۇزلۇق بولماسلىق، سۈيدۈكنىڭ ئاق بولۇشى، رەڭگىنىڭ نۇرسىز بولۇشى، تومۇرنىڭ سۇس سوقۇشى قاتارلىقلاردۇر. ئېغىزنىڭ قۇرۇق بولۇشى، تومۇرنىڭ قاتتىق سوقۇشى، ئۇيقۇنىڭ كەم بولۇشى قۇرۇقلۇقنىڭ ئالامىتىدۇر.
يۈزنىڭ كۆپۈپ قېلىشى، تىلنىڭ ھۆل تۇرۇشى، ئۇستىخاننىڭ بوش، روھىي كەيپىياتنىڭ سۇس بولۇشى ھۆللۈكنىڭ ئالامىتىدۇر.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.