مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 999 رەت   / مەنبە: -

1) بەدەندىكى بارلىق ئەزالارنىڭ تۈزۈلۈشىنىڭ نورمال بولۇشى.

2) ئەزالار خىزمىتىنىڭ نورمال بولۇشى (يەنى سەزگۈ ھەرىكەت ئەزالىرىنىڭ بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشىنىڭ نورمال بولۇشى). 

3) بەدەندىكى قۇۋۋەتلەرنىڭ بولۇپمۇ، قۇۋۋىتى تەبىئىينىڭ نورمال بولۇشى جىگەر ساغلاملىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. 

بۇنداق دېيىشىمىزدىكى سەۋەب، بارلىق جانلىقلاردا ھاياتلىق باشلانغان كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشىغا جىگەر ئوزۇقلۇق يوللاپ بېرىدۇ. ئەگەر ئوزۇقلۇق مەلۇم ئەزاغا يېتىشمىسە ياكى ئوزۇقلۇق بارىدىغان يول توسالغۇغا ئۇچرىغان بولسا، شۇ ئەزا كەمتۈك ياكى يوق بولىدۇ. مەسىلەن: بەزى ئاياللاردا بالىياتقۇچىنىڭ يوق بولۇشى، تەرەققىي قىلماسلىقى، ئەرلەردە ئۇرۇقداننىڭ بىرى يولۇپ، يەنە بىر بولماسلىق، بولغاندىمۇ ئۇرۇق ئىشلەش ئىقتىدارى بولماسلىققا ئوخشاش. ئونىڭدىن باشقا بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش نورمال بولغاندا ماددا (خىلىت) سەۋەبىدىن بولىدىغان كېسەللىكلەر پەيدا بولمايدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئەزالارنىڭ كەمتۈك ياكى تەرەققىي قىلالماسلىقى ئىچكى سەۋەبتىن (يەنى ماددىلار ئۆزگىرىپ بۇزۇلۇشتىن) بولىدىغان ماددىلىق كېسەللەرنىڭ بولماسلىقى جىگەر ساغلاملىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.