سەۋەبى: جىگەرنىڭ بەلغەم خىلىتىنى مېڭە، ئۆپكە ۋە بەزلەرگە يوللاش خىزمىتىنىڭ ناچارلىشىشىدىن غەيرىي بەلغەم خىلىتلىرى قان تەركىبىگە ئارىلىشىپ قان ئارقىلىق تېرە توقۇلما بوشلۇقلىرىغا سىرغىپ چىقىپ تېرە ئۈستىدە ئاق داغلارنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ بەھەق سەيلە (ئاق كېسەل)، بەھەق سىياھ (بۇ خىلدا مويلار ئاقىرىپ ماڭىدۇ) لارغا بۆلۈنىدۇ. ئاق بەھەق تېرە بىلەن ئەت ئوتتۇرىسىدا شىلىمشىق ئاق سۇيۇقلۇقنىڭ پەيدا بولغىنىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى قولدا باسسا قان كېلىدۇ. بۇ ئاسان ئوڭشىلىدۇ. باسسا قىزارمىسا، يىڭنە سانجىسا قان كەلمىسە بۇ پەرەس دېيىلىدۇ.
ئالامىتى: قانغا غەيرىي بەلغەم ئارىلاشقان بولسا، كېسەلنىڭ بەدىنى سېمىز، رەڭگى قىزىل، ئەمما تېرىلىرىدە ئاق داغلار پەيدا بولغان بولىدۇ، ئەگەر كېسەلنىڭ مىزاجى ئەسلى سەپرا تەرەپتە بولغان بولسا بەدەن ئورۇق، رەڭگى سېرىق بولغان بولسىمۇ، ئاق داغلار بەدەندە پەيدا بولىدۇ. بۇ سەپراغا غەيرىي بەلغەم ئارىلاشقان ئاقكېسەل دەپ ئاتىلىدۇ. بەلغەمگە غەيرىي بەلغەمنىڭ ئارىلىشىشىدىن بولغان ئاقكېسەللىكتە بولسا كېسەلنىڭ بەدەن رەڭگى ئاق، سېمىز، سوغۇق بولغان بولىدۇ. ئەگەر سەۋداغا بەلغەم ئارىلاشقان بولسا كېسەلنىڭ بەدەن رەڭگى چەيزىرەڭ، ئورۇق، سوغۇق بولۇش بىلەن بىرگە بەدەندە ئاق داغ پەيدا بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.