جىگەر كىچىكلەش، تاماقلارنى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىگەرنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىدىن ئۆزگىرىپ قىسىلىپ كىچىكلەپ قېلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى:
دائىم شاراب ئىچىش، تاماكا چېكىش ۋە ھەرخىل جىگەر كېسەللىكلىرى، بەزگەك، سىل، سىفلىس كېسەللىكلىرى، دورىلاردىن زەھەرلىنىش، جۈملىدىن ئىسسىقلىق دورىلار بىلەن تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ.
ئالامىتى:
دەسلەپتە بىمارنىڭ ھەزىم قىلىشى بۇزۇلىدۇ، بەزىدە كۆڭلى ئېلىشىدۇ، بەزىدە بىمار ئاچچىق سۇ ياندۇرىدۇ، ئوڭ تەرەپ قوۋۇرغا ئارىسىدا ئېغىرلىق بىلىنىدۇ، ئاغرىش بولىدۇ، دەسلەپتە جىگىرى ئازراق يوغىنايدۇ، كېيىنچە ئورۇقلاپ كىچىكلەپ كېتىدۇ. يېنىك دەرىجىدە قىزىيدۇ، تاماق ھەزىم بولماسلىق، قورسىقى كۆپۈش ئەھۋاللىرى ۋە قەۋزىيەت كۆرۈلىدۇ. ياكى دائىم ئىچى سۈرۈپ تۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ، تېرە قۇرغاق، بەدىنىنىڭ رەڭگى سارغۇچ بولۇپ، كۈندىن-كۈنگە ماغدۇرسىزلىنىپ، ئورۇقلاپ كېتىدۇ. بەزىدە يەرقان ياكى ئىستىسقا بولۇپ، قورسىقىغا سۇ چۈشىدۇ، بەزى بىمارلار قان قۇسىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى: داۋالاشتا بىمار ئالدى بىلەن ياتقۇزۇلۇپ تولۇق دەم ئالدۇرىلىدۇ، شۇنىڭدەك قۇۋۋىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئاسان ھەزىم بولىدىغان غىزالار بىلەن ئوزۇقلاندۇرىلىدۇ. دورا بىلەن داۋالاشتا سۈيدۈك ھەيدىگۈچى، توسالغۇلارنى ئاچقۇچى دورىلار بىلەن داۋالىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىدىن: بۇزۇرى شەربىتى ، ئەرقى كاسىنە ، مائۇل ئۇسۇل شەربىتى، ئايارەج پەيقىرا، مەجۈنى دەبدىل ۋەرىد بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.