سەۋەبى: جىگەر بىلەن ئۆت يولى ئوتتۇرىسىغا توسالغۇ پەيدا بولۇشتىن، جىگەردە غەيرىي سەپرا خىلىتى قېتىپ تاش پەيدا بولسا، جىگەر ئىچى ئۆت تېشى كېسىلى دېيىلىدۇ.
ئەگەر ئۆت خالتىسىدىكى غەيرىي سەپرا خىلىتىنىڭ قۇيۇقلىشىپ قېتىشىشىدىن ئۆتتە تاش پەيدا بولسا ئۆت تېشى كېسەلى دېيىلىدۇ. بۇ تاشلار پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى مايلىق گۆش، تۇخۇملارنى قورۇپ يېيىشتىن ياكى ھوردا پىشۇرۇپ يېيىش، ھاراقنى كۆپ ئىچىش، جىسمانىي ھەرىكەت بىلەن كۆپ شۇغۇللانماسلىقتىن پەيدا بولىدۇ. بۇ تاشلارنىڭ بەزىلىرى چوڭ، بەزىلىرى كىچىك، رەڭگى قارا، يېشىل، كۈلرەڭ ۋە داشقال رەڭ بولىدۇ.
ئالامىتى: ئوڭ تەرەپ قوۋۇرغىلار ئارىسىدا تۇيۇقسىز ئاغرىش پەيدا بولۇپ، ئاغرىق ئاشقازان ئۇدۇلىغا ھەم ئوڭ تەرەپ تاغاق ساھەسىگە تارايدۇ. كېسەل ھەرىكەت قىلالمايدۇ، كۆڭلى ئاينىيدۇ، ھۆ تۇتىدۇ، بەزىدە سېرىق سۇ ياندۇرىدۇ. قورساق ئېسىلىدۇ، ھېق تۇتىدۇ، زەردە قاينايدۇ. قەۋزىيەت بولىدۇ، ئېغىز قۇرۇپ، ئاچچىق بولۇپ كېتىدۇ. تاش ئۆت يولىغا كەپلىشىپ قالسا، كېسەل قاتتىق بىئارام بولۇپ ئايلىنىپ كېتىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ. تاش جىگەرنىڭ ئۆزىدە بولسا تۇتقاقلىق بولمايدۇ. جىگەر ساھەسىدە ئېغىرلىق، تېلىش، يەڭگىل زىڭىلداش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۆتتىكى تاش ئۆتنىڭ غول نەيچىسىدە تۇرۇپ قالسا كېسەلنىڭ بەدىنىگە سېرىقلىق پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئېغىرراق ئۆتىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.