ئالامىتى: ئىچى كۆپ سۈرگەن تارىخى بولىدۇ ھەمدە چوڭ تەرەت گۆش يۇغان سۇدەك كېلىدۇ. بەدەن كۈندىن كۈنگە ئورۇقلايدۇ. كۆز خىرەلىشىدۇ. پېشانە، كۆكرەك، قول دۈمبىلىرىدە قاراداغ چالاشقاندەك تېرىلەر قورۇلىدۇ. بۇ چالاش كېسىلىمۇ دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جىگەر قورۇلۇپ، يىگىلەپ قورۇشقا قاراپ ماڭىدۇ.
سەۋەبى: ئاشقازان، 12بارماق ئۈچەينىڭ ھەزىمىدىن پەيدا بولغان ئوزۇقلۇقنى جىگەرنىڭ سۈمۈرىدىغان ماسارىقا تومۇرى تارتالمىغاندىن ياكى تومۇرى توسالغۇغا ئۇچرىغاندىن ئوزۇقلۇق ماددىلار جىگەرگە بارالماي تەرەت بىلەن چىقىپ كەتكەچكە، بەدەن كۈندىن كۈنگە ئورۇقلاپ جىگەر قېتىپ ئىستىسقىغا ئۆزگىرىپ، قورساققا سۇ چۈشۈش بىلەن ھاياتقا خەۋپ يېتىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.