مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1601 رەت   / مەنبە: -

جىگەر كېسىلى ئىچىدە جىگەر ياللۇغى ھەممىدىن كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۆتكۈر جىگەر ياللۇغىدىن باشقا، ئادەتتىكى جىگەر ياللۇغىنى ئاسانلىقچە سېزىۋالغىلى بولمايدۇ. جىگەر ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى قىزىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، باش قېيىش، باش ئاغرىش، مۇسكۇللار ئاغرىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت، ئېغىر بولغاندا يەنە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، سېرىقلىق چۈشۈش، قورساقنىڭ يۇقىرى قىسمى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 

جىگەر ياللۇغىنى ئىككى خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ، بىرى، ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى بولۇپ، بۇلاردىن A ۋە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ھەممىدىن كۆپرەك ئۇچرايدۇ. A تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ ئۇچرىشىشى، يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق يۇقىدۇ؛ B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بولسا قان بېرىش، بۇلغانغان ئوكۇل يىڭنىسى، جىنسىي ئالاقە ۋاستىسى ئارقىلىق يۇقىدۇ، ياكى ئېرسىيەتلىك بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا، يەنە C تىپلىق، D تىپلىق، E تىپلىق، F تىپلىق قاتارلىق ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جىگەر ياللۇغىمۇ بار. 

جىگەر ياللۇغى پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىشتا، ئەڭ مۇھىمى مۇۋاپىق دەم ئېلىش ۋە بالدۇر ئۇخلاپ بالدۇر ئورنىدىن تۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، زەخىملەنگەن جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئازايتىش لازىم. 

ئىسپىرت جىگەر ھۈجەيرىلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇڭا جىگەرنى ئاسراش ئۈچۈن، تاماكا، ھاراقتىن يىراقلىشىش كېرەك. 

بۇنىڭدىن باشقا، ھەردائىم خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ پايدىلىق. ھەممىدىن مۇھىمى قەرەللىك ھالدا تەكشۈرتۈپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى تىزگىنلەش، جىگەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دورىلارنى قالايمىقان ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.


تولۇقلاشقا تېگىشلىك ۋىتامىن، مىنېرال ماددا

ئىنوزىتول، خولىن، ۋىتامىن B1، ۋىتامىن C، ۋىتامىن E، فوسفور، خلور، گۈڭگۈرت، كرېمنىي.


كۆپرەك ئوزۇقلىنىشقا تېگىشلىك يېمەكلىكلەر

سۈت، تۇخۇم، بېلىق، ئورۇق گۆش، پۇرچاقتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر، ئىنچىكە پىششىقلانمىغان دانلىق ئاشلىق، گلۇكوزا، قۇمۇش شېكىرى، ھەسەل، ئېچىتقۇ قاتارلىقلار. 

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئەڭ ياخشىسى ھايۋانات مەنبەلىك ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى مايلىق، ئاچچىق، تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك؛ يەنە خاسىڭ، سۇلۇ، كۆممىقۇناق، ئارپا، ئاق قوناق قاتارلىق يېمەكلىكلەر ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدۇ، بۇزۇلۇپ قالغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ئافلاتوكسىن (سېرىق ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى زەھىرى) ھاسىل بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى ئىستېمال قىلىشنى ئازايتىش لازىم. 

تەركىبىدە لېتىستىن بار يېمەكلىكلەر بىلەن كۆپرەك ئوزۇقلانسا، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى ئاسراپ، ياغنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، جىگەر كېسىلىگە نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىسى بار.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.