مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 836 رەت   / مەنبە: -

ئالامىتى: چوڭ تەرەپ كۆپ، يۇمشاق بولۇش، بەزىدە ئىچ سۈرۈش، ئوڭ تەرەپ جىگەر ساھەسىدە ئېغىرلىق ھەم تېلىش بولۇش، چىرايى ئاقىرىپ ئورۇقلاش، جىگەر توسالغۇسىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر. ئەگەر ئېغىرلىق كۈچەيسە جىگەر ئىششىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. 

توسالغۇ مۇقىم بىر جايدا بولسا قىزىتما پەيدا قىلىدۇ. توسالغۇ جىگەرنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بولسا ئېغىرلىق ماسارىقىلاردا بولىدۇ. ئەگەر جىگەر چۆرىسىدە بولسا ياكى ئۈستىدە بولسا ئېغىرلىق بالا جىگەردە بولىدۇ. يەنى ئاشقازانغا يېقىن بولىدۇ. 

1-سەۋەبى: ياغلىق غىزالار، مەسىلەن: گۆش سېلىپ ئېتىلگەن پولو، گۆشلۈك سەيلەر، مانتا، خوشاڭ، سامسىغا ئوخشاش كۈچلۈك، ئاساسن سىڭمەيدىغان غىزالارنى يەپ كەينىدىن قەنتلىك چاي، قەنت ھالۋىسى قاتارلىق ئاسان سىڭىدىغان نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ياكى شىرنىلىك يەللىك نەرسىلەرنى يەنى قوغۇن، ئۈزۈمگە ئوخشاش يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىقتىن بولىدۇ. چۈنكى شىرنىلىك نەرسىلەرنى جىگەر ئۆزىگە تېز تارتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئالدىدا يېيىلگەن ھەم تەستە ھەزىم بولىدىغان غىزالار مەيدە ماسارىقىسىدە پارچىلىنىپ سۈمۈرۈلۈپ بولغۇچە، جىگەرگە كىرىش يولىدىكى قويۇق سۇيۇقلۇق جىگەرگە كىرىدىغان يولنى توسۇپ قويىدۇ. 

 2-سەۋەبى: تاماق يەپلا ئېغىر ھەرىكەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇش توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. 

3- سەۋەبى: تاماقنى قالايمىقان يېيىش، تاماق سىڭمەي تۇرۇپ ئۈستىگە يەنە تاماق يېيىش، ھاراققا ئوخشاش مەست قىلىدىغان ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىش، جىگەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا توسالغۇ پەيدا بولۇشقا سەۋەبچى بولىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.